تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەككىز ئەمەلىي ئىش قىلىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلە بىرلەشمىسى

سەككىز ئەمەلىي ئىش قىلىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تويانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (سودىگەرلەر باش ئۇيۇشمىسى)نىڭ 12 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 ـ قېتىملىق دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سەككىز ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىش ئارقىلىق، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىكەن.

سەككىز ئەمەلىي ئىش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: «قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بويىچە كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان بىر تۈركۈم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1000 پۇقراۋى كارخانا، بولۇپمۇ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا كۈچ قوشۇش، ئاپتونوم رايوندىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قوللىنىشچان ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىنى شەكىللەندۈرۈش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش.

پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداش سالمىقى زورايتىلىپ، «پۈتۈن شىنجاڭدا بىر تور بولۇش»تىن ئىبارەت پۇقراۋى كارخانىلار ئەرز قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ چىقىلىپ، ئىلتىماس ـ تەلەپ يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ؛ «10 مىڭ ئادۋوكاتلار ئىش ئورنى 10 مىڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بىلەن ئالاقە باغلاش» مېخانىزمى ئالغا سىلجىتىلىپ، 10 مىڭ پۇقراۋى كارخانىغا ھەقسىز «قانۇنچىللىق جەھەتتىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ «دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلار بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن 3 ـ تەرەپ مېخانىزمى باشقۇرۇش كومىتېتى» قۇرۇلۇپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان دېلولارغا «يېشىل يول» ئېچىلىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەت، دۆلەت كارخانىلىرى نېسى قالدۇرغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى ئېنىقلاش، يوللاش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش خىزمىتى سىجىل ياخشى ئىشلىنىدۇ.

پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدىكى زاتلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، تەربىيەلەش ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، «ئۈچ 100» تەربىيەلەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىك يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ.

كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، «ئىككى ساغلام»غا پايدىلىق قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىلىپ، تەشۋىقاتچىلار قوشۇنى ياخشى قۇرۇلۇپ، ئاخبارات تاراتقۇلىرى بىلەن بىرلىشىپ پۇقراۋى كارخانىلارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقى زورايتىلىدۇ.

«ئىچكى جەھەتتە كىرگۈزۈش، تاشقى جەھەتتە بىرلىشىش، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش» ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، «سىرتقا چىقىرىش، تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» شەكلى قوللىنىلىپ، 1000 پۇقراۋى كارخانىنىڭ دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى تۈرلۈك كۆرگەزمە ـ يەرمەنكە ھەم ئىقتىساد ـ سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئاز دېگەندە 20 مەيدان قېتىم قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

«پۇقراۋى كارخانىلار يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» ھەرىكىتى ئالغا سىلجىتىلىپ، «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتى تۇتقا قىلىنىپ، 1000 كەسىپ تۈرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرگە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق باغچە رايونى ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ «ئاساسنى كۈچەيتىش، ئاساسنى پۇختىلاش» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ناھىيە دەرىجىلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە قارىمىقىدىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، پۇقراۋى كارخانىلاردىن كۈچ ۋە ئەقىل ـ پاراسەت قوبۇل قىلىپ، پۇقراۋى ئىگىلىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىدىغان، كەڭ كۆلەمدە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورتاقلىققا ئىگە مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ «ئىككى ساغلام»غا مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن ئىشنى ياخشىقىلىپ، تىرىشىپ سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.