تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭدا 15 مىليون ئادەم قېتىمغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى

تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.4 ئاشتى، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى كاڭ خاۋيەن، ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، 40 كۈن داۋاملاشقان 2023 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش ئاياغلاشتى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىن 2 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىگىچە بولغان باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 14 مىليون 929 مىڭ 800 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 3 مىليون 694 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولغان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 92 مىڭ 400 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.4 ئاشقان؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 3 مىليون 543 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.8 ئاشقان؛ تاشيولنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 7 مىليون 692 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، يولغا سېلىنغان يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى 733 مىڭ 700گە يەتكەن.

بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش بولۇپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسى كۈچەيدى، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، تاشيول قاتارلىق تارماقلار قاتناش ـ تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى، يولۇچىلار ئېقىمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توشۇش كۈچىنى دەل جايىدا ئىشقا سېلىپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدە تېز كۆپىيىۋاتقان تۇغقان يوقلاش، ساياھەت يولۇچىلار ئېقىمى، يولۇچىلار ئېقىمى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن يۆنىلىشكە قارىتا 19 جۈپ يولۇچىلار پويىزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆپەيتىپ، شىنجاڭدىكى 13 جۈپ ئوق پويىز گۇرۇپپىسى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسىدە قايتا ئۇلاپ يۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جەمئىي 26 مىليون 460 مىڭ 900 توننا يۈك توشۇغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.09 ئېشىپ، يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش مىقدارىدا قوش ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پورت ۋوگزالى چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى توشۇشقا تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريول پورت ۋوگزالىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن، چېگرادىن كىرىدىغان ـ چىقىدىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ سانى سىجىل ئاشقان.

بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇشتا، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە بازىرىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىدىن ئاچتى، ئەسلىگە كەلتۈردى، نۆۋەتچى ئايروپىلان كاپالىتىدە «دەسلەپتە تۆۋەن، كېيىن يۇقىرى» بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، يولۇچىلار يۇقىرى پەللىسى 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى كۆرۈلۈپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 103 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، 2019 ـ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش چوققا قىممىتىنىڭ %93.6ىگە يەتتى. باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلايدىغان يولۇچىلار بىرقەدەر كۆپ بولدى؛ باھار بايرىمىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى شىنجاڭغا قايتىش دولقۇنىنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارغا كىرگەن يولۇچىلار ئايرودۇرۇملاردىن چىققان يولۇچىلارغا قارىغاندا 90 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن كۆپ بولدى.

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردا سوغۇق ئېقىم، قېلىن قار يېغىش، توڭ تۇمان قاتارلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردا بوران، قۇم بوران، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدە مۇرەككەپ ھاۋارايى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يۈرۈشۈش خەۋپ ـ خەتىرىنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ كونترول قىلىپ، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش، ئاسراشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىنىڭ مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇپ، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

سەپەرگە چىقىش قولاي بولۇش، ئىللىق مۇلازىمەت بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە سەپەرگە چىققان يولۇچىلارنىڭ ئورتاق تەسىراتى. شىنجاڭ تاشيول يولۇچى توشۇش تارماقلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇشى ئارقىلىق، يولۇچىلار توردا ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالدى، تور سىرتىدا كىملىكى ئارقىلىق بېلەت تەكشۈرتۈپ ئاپتوبۇسقا چىقتى، «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى قولاي مۇلازىمەت سەپەرگە چىقىشنى راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى. ئاپتوبۇس كۈتۈش زالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە پىدائىيلارنىڭ يولۇچىلارنىڭ تېز ئۆتۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يېشىل يول، ئانا ـ بالىلار ئۆيى، ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر، ھامىلىدارلار قاتارلىق ئالاھىدە يولۇچىلارنى كۆڭۈلدىكىدەك كاپالەتكە ئىگە قىلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول مۇلازىمەت رايونىدىكى خەلققە قولايلىق باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت نۇقتىسى، «شوپۇرلار ئائىلىسى» ئۇزۇن يول يۈرگەن شوپۇرلار، يولۇچىلارنى راھەت ئارام ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «ئىللىقلىق» دېگەن سۆز باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە سەپەرگە چىققان يولۇچىلار كۆپ تىلغا ئالىدىغان سۆز بولۇپ قالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاشيول تارماقلىرى جەمئىي 164 مىڭ 914 كىلومېتىر مۇساپىدىكى قارنى تازىلىغان، يول يۈزىدە يىغىلىپ قالغان قاردىن 112 مىليون 950 مىڭ كۇب مېتىر، يىغىلىپ قالغان مۇزدىن 42 مىليون 33 مىڭ كۇب مېتىرنى تازىلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، توسۇلۇپ تۇرۇپ قالغان 1773 ئادەمنى، قاپسىلىپ قالغان 1061 ئاپتوموبىلنى قۇتقۇزۇپ، ياردەم بېرىپ، يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.