تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى ئىنچىكە، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

«سۇچىلىق تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى سۇ بىلەن نورمال تەمىنلەشكە ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىنچىكە، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جياڭ.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، كۆرسەتكۈچلۈك سۇ، سۇنى ئېلاستىكلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى سۇ مىقدارىنى ئايغا، ئون كۈنگە، سۇ ئېلىش ئېغىزى ۋە سۇغىرىش رايونلىرىغىچە تەقسىملەپ بېرىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى دەل جايىدا تەڭشەپ تەقسىملەشنى سۇ ئەھۋالى ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش، ئېلاستىكلىق تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزىدۇ.

بۇلتۇر شىنجاڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، بۇ يىل ئالدىنقى يىلىدىكى ئاساستا، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئىنچىكە، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇچىلىق ھەپتىلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇغىرىشنى تەڭشەش تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، سۇغىرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سۇغىرىش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ يىل شىنجاڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. تارىم دەرياسى قاتارلىق ۋادىلەر بۇ يىل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى نۇقتىلىق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلار سۇ مەنبەسىنى ئېچىش، سۇ تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بىلەن كۆپلىگەن نىشاننى بىرتۇتاش پىلانلاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىي، دەل جايىدا ۋە نىشانلىق بولۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كەلگەن سۇ بىلەن ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ۋاقىت، بوشلۇق بويىچە ماسلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ.

نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلار ئەتىيازلىق سۇغىرىش پىلانىنى تۈزۈۋاتىدۇ. يىغىندا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەتىيازلىق سۇغىرىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەرگە كېرەكلىك بولغان سۇ بىلەن سۇغىرىش رايونلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ماسلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇ مىقدارىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

«پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش تەييارلىقىنى پائال ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ئەگەر قىسمەن جايلاردا قۇرغاقچىلىق يۈزبەرسە ياكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىنتايىن گەۋدىلىك بولسا، ئاشلىق زىرائەتلىرىنى، 2 - نۆۋەت ھۆددىگە ئالغان يەرلەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەشكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئاساسىي سۇغىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلكۈننى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كەلكۈننىڭ ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىۋېتىش، باشلاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇش، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى جاڭ چياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.