تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇلدى

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى تۈزەشكە قاتنىشىشقا كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2022-يىلى مەملىكەتلىك مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنى تاللاش، تونۇشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى ھەمدە يېقىندا تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

    تۇنجى نۆۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىدا جەمئىي 88 مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئەزالار مائارىپ، قانۇن، ئىقتىساد، ئاممىۋى سىياسەت قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىگە پىششىق كەسپىي زاتلار، پەن مۇتەخەسسىسلىرى، مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قارىمىقىدا سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى تارماق كومىتېت تەسىس قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى باھالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، كەڭ ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرىغا ئىلمىي مائارىپ قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئورتاق تونۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئىدارە قىلىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرىدۇ.

    مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئوچۇق شەكىلدە تۈزەش، مۇلازىمەتنى ئېچىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئېچىش» خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئامما تەدبىر بەلگىلەپ ئامما تۈزەشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى تېز شەكىللەندۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.