تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جېمىنەي چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى ئېچىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جېمىنەي چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىغا جايلاشقان چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىدا تىجارەت باشلاندى.

سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، سودا بازىرىدا ئادەملەر كۆپ بولۇپ، بەزىلىرى ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىۋاتاتتى، بەزىلىرى كۆرگەزمە زالىدا تاۋار سېتىۋېلىۋاتاتتى. چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ۋېنجۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بازارغا كىرگەنلەر 500 ئادەم قېتىمغا يەتتى. ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، كىرىپ چىقىدىغان ئادەملەر، ئاپتوموبىللار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، جېمىنەي چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى 1 - دەرىجىلىك بازار ۋە 2 - دەرىجىلىك بازارغا ئايرىلغان بولۇپ، 1 - دەرىجىلىك بازار مال ئىمپورت قىلىش سودىسىنى تاماملاشقا ئىشلىتىلىدىكەن؛ 2 - دەرىجىلىك بازار ئۆزئارا سودا رايونىنىڭ سودا كوچىسى بولۇپ، قازاقىستان تەرەپ سېتىش رايونى ۋە جۇڭگو تەرەپ سېتىش رايونىغا ئايرىلغان، تۆت رايون، 96 دۇكان بار، 18 دۆلەتنىڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى، گىرىم بۇيۇمى، قىزىل ھاراق قاتارلىق نەچچە يۈز خىل تاۋىرى سېتىلىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جېمىنەي ناھىيەسى چېگرا ئاھالىلىرىنى ئۆزئارا سودىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدىن 41نى قۇرۇپ، چېگرا ئاھالىلىرىنى چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرىدا تاۋارلارنى سېتىۋېلىش، سېتىش، پىششىقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

«چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدا ئوندىن 40 قىچە كىشى بىر گۇرۇپپا بولىدۇ، ئۇلار دۆلەت چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ھەربىرىگە كۈنىگە بەرگەن 8000 يۈەنلىك باج كەچۈرۈم سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، قازاقىستان چېگرا ئاھالىلىرى بىلەن بىۋاسىتە سودا قىلدى.» جېمىنەي ناھىيەلىك سودا، پەن - تېخنىكا ۋە سانائەت - ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ لى مۇنداق دېدى: چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ چېگرا ئاھالىسىنى ئۆزئارا بازار سودىسىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

ليۇ لى مۇنداق تونۇشتۇردى: جېمىنەي چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى تاموژنا بىرلەشمە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - كارانتىن، سودا راسچوتى، باج كەچۈرۈم قىلىنغان سودا، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. بازارنىڭ ئېچىلىپ تىجارەت قىلىشى ئۆزئارا بازار سودىسىدىكى تاۋار تۈرلىرىنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «ئۆزئارا سودا + زاۋۇت، ئۆزئارا سودا + ساياھەت، ئۆزئارا سودا + ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۆزئارا سودا + ئەشيا ئوبوروتى» قاتارلىقلارنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، سودا - ساياھەت قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

نۆۋەتتە، جېمىنەي چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى جېمىنەي پورتىغا تايىنىپ، جېمىنەي چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا بازىرىنىڭ «سودا ئارقىلىق سانائەتكە تۈرتكە بولۇش، سانائەت ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىياتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.