تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە تەدبىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە تەدبىر» دېيىلىدۇ) بېسىپ تارقاتقان، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش، زاكازغا كاپالەتلىك قىلىپ بازارنى كېڭەيتىشىگە كۈچەپ ياردەم بېرىش، ئىناۋەت سۇغۇرتىسى ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سەككىز تۈرلۈك تەدبىر چىقىرىپ، تاشقى سودىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرىدىكەن.

«بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، زاكازغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى كېڭەيتىشىگە كۈچەپ ياردەم بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قولىدا زاكاز بار كارخانىلارنى ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، باج - ھەق قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش ۋە كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، تاشقى سودا زاكازىنى كېلىشىم بويىچە ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە «بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنى سۇغۇرتا جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ھۆددىگە ئېلىش، مۇلازىمەت قىلىش، قوللاش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك كۆرگەزمە - يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىپ زاكازنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۈچەپ قوللاپ، كۆرگەزمە - يەرمەنكىگە قاتنىشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى بىلەن بۇلۇتتا تونۇشتۇرۇش - كېڭىشىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشىغا، زاكازنى قولغا كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش كېرەك.

تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە «بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچەپ يېتەكلەپ، ھەرقايسى پورتلاردىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى كۈچەپ جارى قىلدۇرۇلىدۇ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىپ، فوندنى يېتەكلەش رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، چەت ئەلدىكى ئىسكىلات، رەقەملىك سودا قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا مەدەت بېرىلىدۇ.

راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، پورت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، «بىرقانچە تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودىنى راۋانلاشتۇرۇش كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پورت يۈك تىرانسپورتىدا «بىۋاسىتە توشۇش»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پورتلاردا يولۇچى، يۈكلەرنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى ئومۇميۈزلۈك، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ پورتلارنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، پورتلاردا بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل بەرپا قىلىنىپ، پورتلاردا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش، كارخانىلاردىن چارە - تەدبىر سوراش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

«بىرقانچە تەدبىر»دە يەنە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى تىرىشىپ كۈچەيتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى - ھەمكارلىشىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى - ھەمكارلىشىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.