تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئالتە يېزا ئىگىلىك ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بىردەك 10 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەركەز مالىيەسىنىڭ مەدىتىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىنجاڭ قەغەز ياڭىقى، كورلا نەشپۈتى، شىنجاڭ ئۈزۈمى، ئىلى ئېتى، شىنجاڭ پاختىسى، شىنجاڭ قوڭۇر كالىسى قاتارلىق ئالتە يېزا ئىگىلىك ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە، بۇ ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى مەھسۇلات قىممىتى بىردەك 10 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى شەكىللەنگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، ھەرقايسى جايلار ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى، بازار ئېچىش، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ھالقىلىرىنى چۆرىدەپ، دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمى ئورنىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقانلار»نى ئاساس قىلغان كېلىشىم شەكلىدىكى مېخانىزمنى كېڭەيتىپ، باشلامچى كارخانىلار يېتەكلەيدىغان، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ ھەمكارلىشىدىغان، كەڭ كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كەسىپ باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنى يېزا ـ كەنتلەردە قالدۇرۇپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسى ۋە ئىش ئورنىنى دېھقانلارغا قالدۇرغان.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى يېزا ـ كەنت كەسىپلىرى تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ خۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپى 270تىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرى ۋە 45 پەن تەتقىقات ئاپپاراتى، كەسپىي ئورۇن ھەم جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇلۇشقا ئورتاق قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، جەمئىي قوزغىتىلغان يەرلىك ۋە جەمئىيەت كاپىتال سېلىنمىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. دېھقانلار بىلەن بىرلىشىش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مەنپەئەت باغلىنىشى مېخانىزمىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولماقتا.

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالتە ئەۋزەل، خاس كەسىپ توپى 200 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلغان.

«بۇ يىل، بىز ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، <سەككىز چوڭ كەسىپلەر توپى> بەرپا قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئاشلىق ـ ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېشىل، ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى سىجىل بەرپا قىلىمىز». جاڭ خۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى، نۇقتىلىق زەنجىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىش، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك قىممىتىنى قېزىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر توپى ۋە 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان نۇقتىلىق زەنجىرنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.