تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2023 ـ يىلى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2023 ـ يىللىق مەركەزنىڭ 1 ـ نومۇرلۇق ھۆججىتى ئېلان قىلىندى

2023 ـ يىلى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار يۈ ۋېنجىڭ، چېن دۇڭشۇ) 21 ـ ئەسىردىن بۇيانقى 20 ـ قېتىملىق «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەركەزنىڭ 1 ـ نومۇرلۇق ھۆججىتىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن 2 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ئېلان قىلدى.

بۇ ھۆججەتنىڭ تېمىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2023 ـ يىللىق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكرى» بولۇپ، تولۇق تېكىستى توققۇز قىسىمدىن تەركىب تاپقان، بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش، يېزا ئىگىلىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پەن ـ تېخنىكا ۋە جابدۇق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك قىلىدىغان يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، سىياسەت كاپالىتى ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش.

ھۆججەتتە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا − ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە يەنىلا يېزىلاردا. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش تەس بولغان ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلگە كىردى، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ياخشى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم، سەۋەنلىك سادىر قىلىشقا بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق قارىدى: جەزمەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئىش، دەپ بىلىشتە بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

ھۆججەتتە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قەتئىي تۈردە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، يېزا ـ كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى، يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2023 ـ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ياخشى ئىشلەپ، بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى كەم ـ كوتسىز ياخشى ئورۇنداپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.