مۇھەررىر:
پاتىمە يۈسۈپ
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2023/02/16 16:08
يېقىندا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلىدى، ئوقۇغۇچىلار ئايرىلغىنىغا ئۇزاق بولغان مەكتىپىگە قايتىپ، بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچى ۋە دوستلىرىنى كۆردى، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى قانداق، بىرلىكتە مەكتەپكە قايتقان «كەپسىز بالىلار»نى كۆرۈپ باقايلى.
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىچىك دوستلار ئۈرۈمچى يەسلى مائارىپى گۇرۇھى فۇلىچېڭ يەسلىسى ئالدىدا «چوڭ بولۇش توسىقىدىن» ئاتلاپ ئۆتمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زو يى فوتوسى
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىچىك دوستلار ئۈرۈمچى يەسلى مائارىپى گۇرۇھى فۇلىچېڭ يەسلىسى ئالدىدا دۇمباق چېلىپ، يەسلىگە كىرىشكە تەييارلانماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زو يى فوتوسى
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 59-باشلانغۇچ مەكتەپ يىغىن-كۆرگەزمە مەكتەپ رايونىدا، ئوقۇتقۇچى «ئالەم ئۇچقۇچىسى»غا ئايلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى كىتاب تارقاتماقتا.
سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 59-باشلانغۇچ مەكتەپ يىغىن-كۆرگەزمە مەكتەپ رايونىدا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ماشىنا ئادەم بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.
سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-باشلانغۇچ مەكتەپ شىڭگۇاڭ مەكتەپ رايونىدا، ساۋاقداشلار خۇشال پاراڭلاشماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 59-باشلانغۇچ مەكتەپ يىغىن-كۆرگەزمە مەكتەپ رايونىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىشانىسىگە گۈل سىزىپ، ئەنئەنىۋى مەكتەپكە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە.
سۈن جېنسۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شىمىگۇ رايونلۇق چوڭ ئەترىتى نەنخۇ يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 59-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش بىخەتەرلىكى دەرسى ئۆتتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، تولى ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە ئەجدىھا ئۇسسۇلى ئويناپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتتە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنى كۈتۈۋالدى.
ۋاڭ شۈدۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، تولى ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ئالدىدا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن شاپىلاق ئۇرۇشۇپ كۆرۈشمەكتە.
ۋاڭ شۈدۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، تولى ناھىيەسىدىكى 16 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇش باشلاش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇراسىم تۇيغۇسىغا تولغان ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتقانلىقىنى قارشى ئالدى.
تولى ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ دەرۋازىسىدا ئۆزلىرىنى قارشى ئېلىۋاتقان شىر ئۇسسۇلى ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.
ۋاڭ شۈدۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، تولى ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسخانىدا ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىماقتا.
ۋاڭ شۈدۇڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە قايتىپ تىزىمغا ئالدۇردى، ھەرقايسى مەكتەپلەر مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار ئوقۇش باشلاش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتقانلىقىنى قارشى ئالدى.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپتىكىلەر شىرباش ئويۇنى ئويناپ ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالماقتا.
ياڭ بىن فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى «ھەييار»نىڭ رولىنى ئېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا شار تارقاتماقتا.
ياڭ بىن فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىدىن تارقاتقان دەرسلىكنى ۋاراقلاپ كۆرمەكتە.
ياڭ بىن فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، سانجى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ماھارەت كۆرسەتمەكتە.
ياڭ بىن فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى