تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 6000 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياسايدۇ، ئۆزگەرتىپ ياسايدۇ

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش-تىرانسپورت خىزمىتى سىنلىق يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 6000 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى يېڭىدىن ياساپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ، يېزا تاشيولىغا 8 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، 3 - دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلغان يېزا - بازاردىن بەشنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلغان تەبىئىي كەنتتىن 50نى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ئۇنىۋېرسال تاشيول ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتى تۈرىدىن 22نى تاماملايدىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل يېزا يولى قۇرۇلۇشى كۆرسەتمىسى ۋە يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تېزلىتىپ، يول ئەھۋالىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنى ئالغا سىلجىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا تاشيوللىرىنى باشقۇرۇش، ئاسراش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا تاشيوللىرىدا «يول باشلىقى تۈزۈمى»نىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى يېزا تاشيوللىرىدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىدا «ياردەم پۇلى ئورنىغا مۇكاپات بېرىش» سانلىق مەلۇمات تىرىكى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، «يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى بازار ئىناۋەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى»دىن پايدىلىنىشنى باشلايدىكەن. يېزىلاردا يولۇچى، يۈك، پوچتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، قاتناش - تىرانسپورت بىلەن پوچتا ھەمكارلىقى مۇلازىمەت پونكىتىدىن 80نى، يېزا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى ۋاكالىتەن توشۇش لىنىيەسىدىن 150نى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن.

2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» تېخىمۇ راۋانلاشتى. پۈتۈن بىر يىلدا 6442 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ، 8 مىليارد 126 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق ۋەزىپە نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىپ، يېزا رايونلىرىنىڭ يول تورى بىلەن قاپلىنىش چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. 2421 كىلومېتىر يېزا تاشيولىنى ئاسراش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك «يول باشلىقى تۈزۈمى» بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا تاشيوللىرىدا «يول بولسىلا جەزمەن ئاسراش، ئاسراشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭىدىن تاشيول ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن 27سى ياسىلىپ، يېزىلاردا يولۇچى، يۈك، پوچتا سىجىل يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېزا - بازارلارنىڭ تېز يوللانما تور نۇقتىلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىشتاتلىق كەنتلەردە تېز يوللانما مۇلازىمىتىنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %95تىن ئاشۇرۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - يېزا قاتناش - تىرانسپورتىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى 4A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان رايون، ناھىيەلەرنىڭ نىسبىتى %88.5كە يەتكۈزۈلدى، 552 كىلومېتىر يېزا بايلىق يولى، ساياھەت يولى، كەسىپ يولى ياسىلىپ، 22 مىڭ كىشىلىك يېزا تاشيول ئاسراش مەخسۇس ئىش ئورنى ئاساسىدا يېڭىدىن 6223 نەپەر يول باشقۇرۇش خادىمى كۆپەيتىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق 29 مىڭ نەپەر شىنجاڭلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.