تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق ھەم قايتۇرۇلغان باج، كېچىكتۈرۈلگەن باج، كېچىكتۈرۈلگەن ھەق 76 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باج خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2022 - يىلى دۆلەت باج باش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 18 تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ، «بانكا بىلەن باج ھەمتۈرتكە بولۇش» دائىرىسىنى كەسپىي ئورۇنلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگىچە كېڭەيتكەن، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق ھەم قايتۇرۇلغان باج، كېچىكتۈرۈلگەن باج، كېچىكتۈرۈلگەن ھەق 76 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

بۇلتۇر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون باج سىستېمىسى قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاب چىقىرىۋېتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بىرتۇتاش بېجىرىشنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇپ، 120 تۈرلۈك باج - ھەق كەسپىنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىن ھالقىپ، رايون ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سۈن شۇرۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايون باج سىستېمىسى دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە «تۈر باشقۇرغۇچى» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ دىققەتنى پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بازار سۇبيېكتلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتى ۋە پۇقراۋى كارخانىلار بويىچە مۇنەۋۋەرلەرنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.