تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

2000غا يېقىن ئادەم تىزىملاتتى، 700 مەيداندىن ئارتۇق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلدى! ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ناھىيە رايونى، يېزا-كەنت پۇتبول بىڭتۇەن پۇتبول مۇسابىقە رايونىدا بىر قاتار پائالىيەتلەر باشلاندى

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىڭتۇەن «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو» تېمىسىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ناھىيە رايونى، يېزا-كەنت پۇتبول يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى، سۈرەتتە: 8-شى 152-تۇەن تارماق مۇسابىقە رايونىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى.

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىڭتۇەن «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو» تېمىسىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ناھىيە رايونى، يېزا-كەنت پۇتبول يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى.

 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، بىڭتۇەن «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو» تېمىسىدىكى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ناھىيە  رايونى، يېزا-كەنت پۇتبول يۈرۈشلۈك پائالىيىتى باشلاندى، سۈرەتتە: 8-شى 152-تۇەن تارماق مۇسابىقە رايونىنىڭ مۇسابىقە مەيدانى.

  «تېز! تېز! پاس بەر!» «ياخشى توپ!» نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسىغا ئەگىشىپ، 2-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىككى ئاي كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىنغان «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ساغلام جۇڭگو» ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلاردىكى ناھىيە رايونى، يېزا-كەنت پۇتبول مۇسابىقىسى بىڭتۇەن مۇسابىقە رايونىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى بىڭتۇەن 8-شىسى 152-تۇەنىدە قىزغىن باشلاندى. بۇ، بىڭتۇەندىكى 20 تۇەن-مەيداندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر ئايلىق يېزا-كەنت پۇتبول يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شۇ كۈنى سائەت 10لار ئەتراپىدا، رېپېرنىڭ پۇشتەك چېلىشى بىلەن مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى. توپ ئېلىپ مېڭىش، توپنى قوغداش، پاس بېرىش، ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ... مۇسابىقە مەيدانىدا مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، ھەرىكىتى چەبدەس، ماسلىشىشى ياخشى بولۇپ، مۇسابىقە جىددىي ھەم كەسكىن بولدى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوماندا ئەزالىرى بەس-بەستە مۇسابىقىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، بەدەن چېنىقتۇرۇپلا قالماي، يەنە توپ ئارقىلىق دوستلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى، مۇسابىقىدە سەۋىيەنى نامايان قىلىپ، دوستلۇق ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  بۇ قېتىمقى يېزا-كەنت پۇتبول يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئاممىۋى تەنتەربىيە مەھكىمىسى، جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى، بىڭتۇەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە -رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو پۇتبول تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بىڭتۇەن پۇتبول جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، ھەرقايسى شى پۇتبول جەمئىيەتلىرى ھەمكارلاشقان. ھەرقايسى شى، شەھەرلەر پۇتبولنى قانات يايدۇرۇش ئاساسى ياخشى، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى يۇقىرى تۇەن-مەيدان، مەكتەپ، ليەندۈيلەرنى تاللاپ تەرتىپلىك قانات يايدۇرغان. دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بىڭتۇەندىكى ئون شى، شەھەردىكى 20 تۇەن-مەيداندا 190 پۇتبول كوماندىسى، 2000غا يېقىن پۇتبول ھەۋەسكارى بار ئىكەن. ياشلار، ئۆسمۈرلەر تىزىمغا ئالدۇرۇپ قاتنىشىدۇ، مۇسابىقە قېتىم سانى 700 مەيداندىن ئاشىدۇ. پائالىيەت 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

  پائالىيەت مۇسابىقە تۈزۈمى بەش كىشىلىك، يەتتە كىشىلىك، 11 كىشىلىك قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنئەنىۋى زال ئىچى مۇسابىقە شەكلىدىن باشقا، ھەرقايسى شى، شەھەرلەر يەنە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن قۇملۇق پۇتبول مۇسابىقىسى، قارلىق دالا پۇتبول مۇسابىقىسى، قەپەز  پۇتبولى قاتارلىق ئۆزگىچە مۇسابىقىلەرنى پائال قانات يايدۇردى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە يېشىغا چەك قويۇلمايدۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ماھىرلار ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 60 ياش، ئەڭ كىچىكى 10 ياش.

  بىڭتۇەن پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ پېي جيەنگاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىڭتۇەن پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى پۇتبول يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، بىڭتۇەن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بىڭتۇەن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇتبول ھەرىكىتى بىلەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەنتەربىيەدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. »

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن پۇتبول ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، پۇتبول ھەرىكىتى مەيدانلىرىنى كۆپەيتىش، قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى ئاشۇرۇش، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ياراتتى.

                                                                                                                       بىڭتۇەن گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يەن

  پراكتىكانت شاۋ مىڭخۇي

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.