تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يۈەنشياۋ بايرىمى خۇشال ـ خۇرام تەبرىكلەندى

پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، ياڭگىر ئۇسسۇلى ئويناش، ئويۇن كۆرۈش

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا يۈەنشياۋ بايرىمى خۇشال ـ خۇرام تەبرىكلەندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

رەڭگارەڭ گۈل ـ گىياھلار، رەڭلىك چىراغلار بىلەن بېزەلگەن دەل ـ دەرەخلەر كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرۇپ چىرايلىق تۈسكە كىرگۈزدى. يۈەنشياۋ بايرىمى يېقىنلاشقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مول رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كاتتا بايرامنىڭ كېلىشىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

يۈەنشياۋ بايرىمى ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر مول رەڭدار بايرام ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

پانۇس تېپىشمىقى تېپىش، ئويۇن ئويناش، تاڭيۈەن يېيىش... 2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى نەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى بېيۋېي 1 ـ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ «يۈەنشياۋ بايرىمىدا مۇكاپاتلىق پانۇس تېپىشمىقى تېپىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن ئاھالىنى قىزغىن قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، 54 ياشلىق گو يۇڭچىنىڭ چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، «بۇ يەر قويۇق بايرام كەيپىياتىدا بېزىلىپ بەك قىزىپ كېتىپتۇ! پانۇس تېپىشمىقى تاپقاندىلا بايرام ئاندىن مۇكەممەل بولىدۇ».

2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) باجياخۇ كوچا باشقارمىسى خۇڭياڭ مەھەللىسىدە «<مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش> ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ خەلق قەلبىگە سىڭدۈرۈش» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئويۇنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. 20 نەچچە ئېسىل ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرى ئارقىلىق ئاھالىلەرگە بىر مەيدان بايراملىق مەدەنىيەت «كاتتا زىياپىتى» بېرىلدى.

شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەرگۇڭ يېزىسى نىڭبو كوچىسى مەھەللىسىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى «يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈش، مېھىر ـ شەپقەت تاڭيۈەنى يەتكۈزۈش» پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەھەللىدىكى 30 نەچچە پىدائىي ۋە 40 نەچچە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بىرلىكتە پانۇس تېپىشمىقى تاپتى، يۈەنشياۋ تۈگدى.

«كۆپچىلىك بىرلىكتە يۈەنشياۋ تۈگۈپ، پانۇس تېپىشمىقى تېپىپ، بۇ بايرامنى مەنىلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق» دېدى 71 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاۋ شۇشيا.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ليۇشىخۇ يېزىسى شىڭخو كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا، كەنت ئاھالىلىرى ۋە بىڭتۇەن 12 ـ شى 1 ـ ماي دېھقانچىلىق مەيدانى 2 ـ ليەنىدىكى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بىرلىكتە چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ يۈەنشياۋ تۈگدى، مۇڭداشتى... بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى نەق مەيدانىدا كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى.

دۇمباق ئاۋازى پەلەككە ياڭرىدى، شوخ ياڭگىر ئۇسسۇلى ئوينالدى. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئەرگۇڭ يېزىسى جىڭشۈەن مەھەللىسىدىكى ياڭگىر ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ، سەپ شەكلىنى كۆپ خىل ئۆزگەرتىپ ۋە خىلمۇخىل پاسۇن چىقىرىپ ئويناپ، ئاممىغا بايرام شادلىقى ۋە خۇشال كۈلكە بېغىشلىدى.

2 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇ شەھەرنىڭ شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى بىلەن «يۈەنشياۋ بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشى» پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى، خەلق ساقچىلىرى بىلەن ئاھالىلەر بىرلىكتە پانۇس تېپىشمىقى تېپىپ، گۈللۈك پانۇس ياساپ، يۇمىلاق يەلپۈگۈچ سىزىپ، يۈەنشياۋ كاتتا بايرىمىنى ئورتاق تەبرىكلىدى.

شىنچېڭ كوچا باشقارمىسىدىكى «پانۇس تېپىشمىقى ئۇزۇن كارىدورى»غا پانۇسلار ۋە 100دىن ئارتۇق تېپىشماق لىق ئېسىلغان بولۇپ، تېپىشماقلار پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. كۆپچىلىك ئۈچ ـ تۆتتىن توپ ـ توپ بولۇپ، ھەمراھ بولۇشۇپ تېپىشماق تېپىشتى، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تېپىۋالغان بالىلار تاقەتسىزلىك بىلەن مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى شاد ـ خۇراملىققا چۆمدى.

«يۇمىلاق يەلپۈگۈچ جەم بولۇش، دوستانە ئۆتۈش، بەخت ـ سائادەتلىك بولۇشنىڭ سىمۋولى. بىز ئاۋۋال ئاسماندىن باشلاپ سىزايلى...» خەلق ساقچىسى يۇمىلاق يەلپۈگۈچ ياساش ئۇسۇلىنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەندۈردى. بالىلار تاقەتسىزلىك بىلەن يەلپۈگۈچ يۈزىدە تەقلىد ۋە ئىجاد قىلىپ سىزىپ، رەڭگارەڭ يۇمىلاق يەلپۈگۈچلەرنى ياسىدى.

2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، مارالبېشى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سەنساكۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا، بۇ ناھىيەنىڭ «ئانارگۈلى ئېچىلدى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپىدىكى پىدائىي ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان بىر قاچا تاڭيۈەننى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسىغا سۇندى.

«تاڭيۈەن ھەم مەززىلىك ھەم تاتلىق ئىكەن. گەرچە بايرامدا ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولالمىغان بولساقمۇ، لېكىن ئامما بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئۆزگىچە جەم بولۇش ئىكەن» دېدى بۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى جاڭ لېي.

2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇرچىن ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى بۇ ناھىيەنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماقلىرى ۋە بۇرچىن بازىرىنىڭ جىنخې مەھەللىسى بىلەن بىرلىشىپ «يۈەنشياۋ بايرىمىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈش . قانۇنچىللىق بىلەن ھەمسەپەر بولۇش» باش تېما پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 50تىن ئارتۇق «قانۇنچىللىققا ئائىت پانۇس تېپىشمىقى» ياسالدى، بۇ، ئاساسىي قانۇن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، قانۇنچىللىق تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ قىزىقارلىقلىقى ۋە قاتنىشىش دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسىنىڭ پىچان بازىرى چوققا تام كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدىن خۇشال كۈلكە سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇ يەردە «چېۋەر قوللار بىلەن پانۇس ياساش، جۇڭخۇاغا بولغان مېھىر ـ مۇھەببەتكە ۋارىسلىق قىلىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇۋاتاتتى.

شۇ كۈنى، كەنت كادىرلىرى يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كەنتتىكى كىچىك دوستلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى، كۆپچىلىك تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ياساش، مۇقىملاشتۇرۇش، قۇراشتۇرۇش ئارقىلىق قىزىل بولاقلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى پانۇسلارغا ئايلاندۇرۇپ، خۇشال بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.

(مۇخبىرلار لى لى، جاۋ يۆ، سۈي يۈنيەن، جاڭ رۇيلىن، پىراكتىكانت جاڭ مو، ئىختىيارىي مۇخبىر زىۋەرگۈل قادىر)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.