تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قانداق قىلغاندا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى ئالاقە تورىغا يۆتكىگىلى بولىدۇ

بىر مەيدان ئالاھىدە خېرىدار چاقىرىش مۇھاكىمە يىغىنى:

قانداق قىلغاندا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى ئالاقە تورىغا يۆتكىگىلى بولىدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«سىلەر يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى رەقەملىك بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، توردا سودىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالامسىلەر ـ يوق؟» «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلى ئاشقاندىن كېيىن، سىستېمىلىق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ھوسۇل ئېشىشنىڭ تۈپ سەۋەبىنى بايقىغىلى بولامدۇ ـ يوق؟» «بىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزدا رەقەملىك سىستېما، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېما بەرپا قىلىمىز»... 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ يىغىن زالىدا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر مەيدان خېرىدار چاقىرىش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى.

«شايار ناھىيەسىدە جەمئىي 1 مىليون 430 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنغان، بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا يۇقىرى سەۋىيەنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ» دېدى شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۇڭ يۇڭ.

يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى ياخشى بەرپا قىلىش مەقسەت ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنىڭ رولىنى تېخىمۇ زور جارى قىلدۇرۇش ھەقىقىي نىشان.

باھار بايرىمىدىن بۇرۇن، شايار ناھىيەسى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى رەقەملەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت يۆنىلىشى ۋە تەپسىلاتىنى پىلانلاشقا باشلىغانىدى، 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىكى بۇ مەيدان خېرىدار چاقىرىش مۇھاكىمە يىغىنىدا خېرىدار بولماقچى بولغان شىركەتلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

شايار ناھىيەسى ئالاقە تورى ئارقىلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تارماقلار ھەم كۆچمە ئۇچۇرلاشقان قوللىنىشچان تېرمىنالنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنى ئالاقە تورىغا يۆتكەپ، تېرىلغۇ يەرنى پەرۋىش قىلىش، باغ ـ ئورماننى پەرۋىش قىلىش، يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت، چارۋىچىلىقنى باشقۇرۇش، يېزا ـ كەنت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، رايون، ۋاقىت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز، چارۋىچىلىق تەرەققىياتى، يەر مۈلۈكنى ئالاقە تورىدا باشقۇرۇپ ۋە سودىلىشىپ، ئەمەلىي مۈلۈكنى رەقەملىك مۈلۈككە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئالاقە تورى ئارقىلىق توردا سودىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. بىز ئۈچ يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز» دېدى سۇڭ يۇڭ.

سۇڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئەمەلىيەت داۋامىدا، يەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئوبوروت قىلىش مۇددىئاسىنى بېكىتكىلى بولاتتى، ئەگەر رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بىر تەرەپتىن، شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى پىلانلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا ـ كەنتلەردىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

«بۇ يىل كەنتىمىز ئاساسلىقى <دېھقان ئائىلىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى> ئەندىزىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يەرنىڭ پايدىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشقاندىن كېيىن، يەنە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.» 1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىسى ئارال كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر مەمەت كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ يىغىن ئېچىۋاتاتتى.

«بۇ ئىش ئىشەنچلىك، تۇغقىنىمدىن ئاڭلىشىمچە، يېڭىئاۋات كەنتى 2019 ـ يىلىلا مۇشۇنداق قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ يەر كۆلىمى بىزنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن، ئەمما كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرغاندىن كېيىن، ھەر مو يەرنىڭ پايدىسى 300 يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپتۇ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ يەنە ئېيىغا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدىكەن» دېدى ئارال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يولداش مەخمۇت.

شايار ناھىيەسى 2017 ـ يىلىدىن باشلاپ ئۈچ خىل يەرنى مۇۋاپىق كۆلەملىك باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى سىناق قىلدى: «دېھقان ئائىلىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى» «دېھقان ئائىلىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+شىركەت» «دېھقان ئائىلىسى+ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى». ھەمكارلىق شەكلى ئوخشاش بولمىسا، ئېلىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىشمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، «دېھقان ئائىلىسى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن دېھقان ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؛ «دېھقان ئائىلىسى+ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانى» ئەندىزىسىدە بولسا، تېخىمۇ كۆپ يەرنى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ، ھەم يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

«يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلدى، بىز كۆپ تەرەپ تىرىشىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ھەميىنىنى تېخىمۇ تومپايتىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىمىز» دېدى سۇڭ يۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.