تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

1 ـ ئايدا باقتۇ پورتىنىڭ تاشقى سودىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %125.05 ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئايدا باقتۇ پورتى «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى كۈتۈۋالدى، پورتتىن ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان مال 34 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %125.05 ئاشتى، مال قىممىتى 1 مىليارد 257 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %75.65 ئاشتى.

2 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، باقتۇ پورتىدا ئالدىراشچىلىققا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. پورتتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىشىنى تەكشۈرۈش يولىدا، لىق مال قاچىلانغان تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاۋاتاتتى، خىزمەتچى خادىملار ئەستايىدىل تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىللار ئاستا ـ ئاستا دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى.

«نۆۋەتتە، باقتۇ پورتىدا ھەر كۈنى چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىل 200 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ»، دېدى تارباغاتاي تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ بۆلۈمىنىڭ 1 ـ دەرىجىلىك مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىسى ئالمىرە ناسىن.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پورت باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر جيا شىڭلىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2022 ـ يىلى، باقتۇ پورتىدىن ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىلىنغان مال 345 مىڭ 600 توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %64.91 ئېشىپ، مال قىممىتى 14 مىليارد 440 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %24.67 ئېشىپ، پورت 1990 ـ يىلى ئېچىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، «بىز نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، پورت سودىسىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدۇق».

بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پورت باشقۇرۇش كومىتېتى باقتۇ − باقتې پورتى ئۇچرىشىش مېخانىزمى ۋە چېگرا تەكشۈرۈش ئۇچرىشىش يولىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۈك توشۇش بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، تېز تەكشۈرۈپ تېز قويۇپ بېرىش، تېز كىرگۈزۈپ تېز چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۈك تىرانسپورتىنى يۈك مەيدانىغا بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى.

«بىز تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارنى كۆپ مەنبەلىك، كۆپ خىللاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدۇق، مەسىلەن، ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىش، ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش، <يېشىل يول> ئېچىش، تېز ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئىمپورت ـ ئېكسپورت ماللىرىنى توردا ئالدىن تەكشۈرۈشنى ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش، چېگرادىن كىرىدىغان ئاپتوموبىللارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىن تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردۇق.» جيا شىڭلىڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، پورتنىڭ ئىمپورت مال تۈرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پورتنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمپورت سالاھىيىتىنى بېيىتىمىز. پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ئارقىلىق، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.