تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، جاڭ شياۋمىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 ـ يىللىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ـ مۇزېي يۇرتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى سىجىل تولۇقلاپ، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى باش ـ تارماق سارايلىرى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ؛ «بىزنىڭ بايرىمىمىز» تېمىسىدىكى بايرام مەدەنىيىتى ماركىسىنى يارىتىپ، «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز» − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ؛ ئاقىل كۇتۇپخانا، ئاممىۋى مەدەنىيەت بۇلۇتى، رەقەملىك گۈزەل ـ سەنئەت سارىيى، ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئۇنىۋېرسال سۇپىسى قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرىدۇ.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان ـ سارايلىرى جەمئىي 39 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 19 مىليون 330 مىڭ ئادەم قېتىم ئاممىغا مۇلازىمەت قىلدى، 16 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت پىدائىيسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جانلىق مۇلازىمەت قىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئاساسىي سۇپىسىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ھويلىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر تەڭ قەدەمدە يېتىشىپ ماڭىدۇ؛ ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك كۇتۇپخانا ۋە مەدەنىيەت سارايلىرىنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرىدۇ.

ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىش جەھەتتە، چوڭ دەرسخانا، چوڭ سەھنە، چوڭ كۆرگەزمە سۇپىسى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «كىرگۈزىدۇ»، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى «سىرتقا چىقىرىدۇ»؛ «كەنت كېچىلىكى» قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى تەشكىللەپ، «يۇلتۇزلار تىيانشاندا چاقنىدى»، «يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدانى»، «يېزا ـ كەنتلەردىكى يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلاردا قانات يايدۇرۇلۇشى، جانلىنىشى، ئەۋجىگە چىقىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئاممىۋى مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، ئاممىۋى مەدەنىيەت بۇلۇتى، ئاقىل كۇتۇپخانا، رەقەملىك گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە ئاممىۋى رەقەملىك مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئۇنىۋېرسال سۇپىسى قاتارلىقلار تىرەك، چۆكۈش شەكلىدىكى مەدەنىيەت ھېس قىلىش بوشلۇقى قۇرۇش قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىپ، ھەرقايسى ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان ـ سارايلىرى مۇلازىمەت ۋاسىتىلىرىنىڭ سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، تور ۋە تور سىرتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېتەكلەش خاراكتېرلىك مەبلەغ ئارقىلىق جەمئىيەت كاپىتالى قوزغىتىلىپ، جەمئىيەت كۈچلىرى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كەڭ قاتناشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كۈچلىرى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.