تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىم نېفىتلىكىنىڭ تۇنجى ئايلىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى تەڭ ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چېڭكەي خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل، تارىم نېفىتلىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېچىشقا يۈرۈش قىلدى، تۇنجى ئايدىكى نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئېكۋىۋالېنتى 3 مىليون 190 مىڭ توننىغا يېتىپ، پىلاندىكىدىن تەڭ ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 50 مىڭ توننا كۆپىيىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، تۇنجى ئايدىكى «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل، تارىم نېفىتلىكى 16چوڭ تۈردىكى يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسىنى بېكىتىپ، ئون كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئايلىق ئىشلەپچىقىرىشقا، ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىشقا، پەسىللىك ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق يىللىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، تۇنجى ئايلىق ئىشلەپچىقىرىشتا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاپ»، 1 ـ پەسىلدە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمدىن ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

يېڭى ساھە، يېڭى رايون بەلبېغى، يېڭى قاتلام سىستېمىسى، يېڭى تىپتىن ئىبارەت «تۆت يېڭى»نى چارلاشنى كۆزلەپ، تارىم نېفىتلىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىز باسما بايلىق ئىزدەشنى تېزلىتىپ، بەش نۇقتىلىق چارلاش قۇدۇقىنىڭ يەر ئاستىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلىمىدا چارلاپ بايقاشقا ئېرىشىشكە تۈرتكە بولدى.

ھازىر، 76 ئېچىش قۇدۇقى يەر ئاستى چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ تېز بۇرغىلانماقتا، بوز تەبىئىي گاز بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قاتارلىق ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق نېفىت ـ تەبىئىي گاز يەر يۈزى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا، فۇمەن نېفىتلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق 100 توننىلىق قۇدۇقتىن بەشى بەرپا قىلىنىپ، نېفىتلىكنىڭ كۈندىلىك نېفىت ـ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 22 مىڭ توننا، 100 مىليون كۇب مېتىردىن يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشىگە كۈچ قوشتى.

تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبەسى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى باش تەبىئىي گاز مەنبەسى بولۇش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى قەتئىي زىممىسىگە ئالدى. 1 ـ ئايدا 19 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تەبىئىي گازلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا كىرىشىپ باھار بايرىمىنى ئىللىتتى، باھار بايرىمى مەزگىلىدە جەمئىي 700 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقاردى. نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكى ھەر كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستنى 21 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە 74 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

2022 ـ يىلى، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بولۇش، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق بولۇش، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق بولۇش قاتارلىق دۇنياۋى چارلاش، ئېچىش قىيىن مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، تارىم نېفىتلىكى چوڭقۇر يەر قاتلىمى ساھەسىدىكى پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ياخشى غوللۇق ئەترىتى بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، مۇرەككەپ نېفىت ـ تەبىئىي گاز گېئولوگىيە نەزەرىيەسى ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، قۇدۇق چوڭقۇرلۇقىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7000 مېتىردىن ئاشۇردى، 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان چوڭقۇر قۇدۇق جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى بويىچە %90تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.