تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئاز بولغاندا 150 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقىتىشنى پىلانلىدى

دىققەت يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئالتە چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈلدى

بۇ يىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى ئاز بولغاندا 150 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقىتىشنى پىلانلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېينىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ 2023 ـ يىللىق خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاز بولغاندا جەمئىي 150 مىليارد يۈەن قەرز پۇل تارقىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئالتە چوڭ ساھەگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىي تارقىتىلىدىغان ئاشلىق، پاختا، ياغ قەرز پۇلىنىڭ 53 مىليارد يۈەندىن ئاز بولماسلىقىنى ساقلايدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى سىياسەت خاراكتېرلىك ئاشلىق، ياغ زاپاس مىقدارىنى كۆپەيتىش ۋە دەۋرىي مەبلەغ تەمىناتىغا ۋاقتىدا، تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ پاختا كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق، پاختا، ياغ ئىمپورتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى قوللايدۇ؛ تىرىك چوشقا كەسپى، كالا، قوي قاتارلىق چارۋىچىلىق كەسپى، شېكەر قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىدا ئەلالىرىنى تاللاپ قوللاپ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ قوشىدۇ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى دىققەتنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش بانكا چىقارغان 31 تۈرلۈك پەرقلىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن يىلدا 66 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان نامراتلارغا دەل جايىدا ياردەم قىلىش ـ يۆلەش قەرز پۇلى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەم سانى 800دىن ئاشىدىغان 46 نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل كۈچەيتىدۇ.

يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى پۈتۈن يىلدا جەمئىي 50 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەرز پۇلى تارقىتىپ، تېرىلغۇ يەر تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ـ ئېرىق قۇرۇلۇشى، يەرنى ئوبوروت قىلىش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىقلارنى قوللايدۇ؛ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنى قوللايدۇ، دۆلەت يېزا ئىگىلىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ جابدۇقلىرى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى، ھايۋانات ۋاكسىنىسى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ؛ كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت، سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر سۇپىسى قاتارلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ؛ يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەلالىرىنى تاللاپ قوللايدۇ.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى دۆلەتنىڭ 102 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى، 44 دۆلەت دەرىجىلىك مەخسۇس تۈر يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، 150 تۈرلۈك مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ھەمدە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ، سۇچىلىق ۋە مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش تۈرلىرىنى گەۋدىلىك قوللايدۇ.

رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بىڭتۇەننىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىق ساھەلىرىنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ؛ بىڭتۇەننىڭ سېتىۋېلىش ـ سېتىشقا ئىشلىتىلمەيدىغان ئامانەت قەرز پۇلىدىن ئايرىم باھالاش مۇكاپات تۈرى تەسىس قىلىپ، تۈرلۈك قەرز پۇللىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىك يېرى قاتارلىق تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ۋە قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى ھەمدە پورت ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى يېشىل كىرېدىت قالدۇقىنىڭ ئېشىشىنى %50تىن تۆۋەن بولمىغان سەۋىيەدە ساقلايدۇ. يېشىل كىرېدىت، يېشىل زايوم، يېشىل فوند قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى قاتارلىق يېشىل ھوقۇق ـ مەنپەئەت كېپىللىك شەكلىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دىققەتنى ئالتە چوڭ يېشىل كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كىرېدىت مەدىتى سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.