تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى ئايدا شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان كۆمۈر 12 مىليون 266 مىڭ 100 توننا بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 4 مىليون 826 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %19.5 ۋە %39.5 ئاشقان.

يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى 30 ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى بېكىتكەن شىنجاڭ ئىچىدىكى 17 نۇقتىلىق سانائەت كارخانىسىنىڭ كۆمۈر زاپىسى، كۈندىلىك سەرپىياتى ھەم تۆمۈريول تىرانسپورت ئېھتىياجى قاتارلىق ئەھۋاللارنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «بەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپى بويىچە توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كارخانىلارنى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

«قارا ئالتۇن» تىرانسپورت چوڭ يولى بولغان ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى بىلەن شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى جياڭجۈنمياۋ كان رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنى توك ئىشلەپچىقىرىدىغان كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش، خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك كۆمۈرنى توشۇش ۋە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇھىم يول. «بىز ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى ئەتراپىدىكى 24 زاۋۇت، كان، كارخانىنى زىيارەت قىلىپ، پۈتۈن تەرتىپ ئەندىزىسى بويىچە مال مەنبەسىنى پائال تەشكىللەپ، ئېھتىياج، مەھسۇلات مىقدارى، ئامبار زاپىسى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرانسپورت پىلانىنىڭ ھەربىر كۈن، ھەربىر ۋاگونغىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى يۈك تىرانسپورت مەركىزى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ليۇ مېڭلۇ. تىرانسپورت ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى شىنجاڭنىڭ كۆمۈر تىرانسپورتىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدا بىر كۈندە قاتنايدىغان پويىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 94 جۈپكە يەتتى.

ئۈرۈمچى يۈك تىرانسپورت مەركىزى گەنچۈەنپۇ تىجارەت بۆلۈمى شېنشىن مەخسۇس تۆمۈريولىدا، لىق كۆمۈر بېسىلغان مەخسۇس پويىزلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۆمۈر تېز سۈرئەتتە چۈشۈرۈلىدۇ. «تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت تارماقلىرى رايونلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پويىز يېتىپ كەلگەندە يۈك چۈشۈرۈش جەھەتتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر تىرانسپورتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى» دېدى بىڭتۇەن 6 - شى كۆمۈر ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتى سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى زو جۈن.

باھار بايرىمىلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىچىدە بار بولغان ۋاگون سانى بىرقەدەر كۆپ، ئىگىلىگەن لىنىيە بىرقەدەر كۆپ بولۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە شىنجاڭ ئىچى ۋە ئىچكىرى رايونلارغا بىۋاسىتە يۈك توشۇلىدىغان ۋاگونلارنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى تەڭشەپ، شىنجاڭدىن چىقىدىغان مال قاچىلانغان ۋاگونلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى، لىنخې - قومۇل تۆمۈريولىدىن ئىبارەت «بىر ئاساسىي، ئىككى قانات» يولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېز قاچىلاش، تېز توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆمۈر توشۇش يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.