تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​تۈر قۇرۇلۇشى تەق بولدى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش غەيرىتى ئاشتى

شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى:

​تۈر قۇرۇلۇشى تەق بولدى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش غەيرىتى ئاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن شۆجۇ

يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، ھەممە بىرلىكتە يېڭى مۇساپىگە ئاتلاندى. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى ھەرقايسى شىركەتلەر ھەرقايسى تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى كۇشان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بۆلىكىدە ماشىنىلار گۈركىرەپ، ئىشچىلار شىنجاڭ قورغان سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

شىنجاڭ قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مەملىكەت بويىچە مۇھىم، زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى. قۇرۇلۇشقا جەمئىي 1 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلانغان، پىلاندىكى قۇرۇلۇش مۇددىتى 48 ئاي. قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىدە سۇغىرىش ئاساس قىلىنىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، توك چىقىرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ.

«ئېقىن باشلاش ھەم كەلكۈن سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ، لاتقا تازىلاش سۈڭگۈچى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، توك چىقىرىشقا سۇ باشلاش سۈڭگۈچى، سۇ قايتۇرۇش ئۆستىڭى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.» شىنجاڭ قورغان سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تۈر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى خې فەنجۇڭ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇشقا قاتناشقان بارلىق خادىملار ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان روھ بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئالغا سىلجىتتى.

شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر چارلاش - لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ چارلاش شۆبە شىركىتى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش، قېزىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى باي ناھىيەسىدىكى مەلۇم قۇرۇلۇشنىڭ چارلاش ئىش ئورنىدا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ، چارلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى ئېغىر، قۇرۇلۇش مۇددىتى قىسقا بولۇپ، جەزمەن كەلكۈن مەزگىلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە بۇرغىلاش ماشىنىسىنى يۆتكەش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك.

بۇ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش شۆبە شىركىتى تۈرنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا قەرەلىدە تاماملاش ئۈچۈن، باھار بايرىمىدىن بۇرۇن خادىملارنى سەپلەش، ئۈسكۈنىلەرنى قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىغا كىرگۈزۈش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى. باھار بايرىمىنىڭ 3 - كۈنى ئىككى بۇرغىلاش بەنجاڭى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بۇرغىلاش ماشىنىسىنى ئېلىپ ئالدىن يولغا چىقتى. باھار بايرىمىنىڭ 5 - كۈنى بەش ئەترەت ئەزاسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى، ئەترەت ئەزالىرى قۇرۇلۇش مەيدانىغا كېلىپلا دەرھال ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، يول ياساش ھەم ئىشچىلار تۇرالغۇسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، تۈر نەق مەيدانىدىكى قاتلىنىدىغان قۇراشتۇرما ئۆيلۈك ئىشچىلار تۇرالغۇسىنى ياساش قۇرۇلۇشى پۈتتى، باي ناھىيەسىدىن قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغىچە بولغان يول قۇرۇلۇشى قەرەلىدە ئالغا سىلجىتىلماقتا.

شىنجاڭ ئىلى دەرياسى سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش - ئېچىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇش ئورنىدىكى ئىمارەت، ئۈسكۈنە، ئەسلىھە قاتارلىقلارغا قارىتا كۈندىلىك كۈزىتىش، تەكشۈرۈش، ئالاھىدە كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك چىقىرىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

شىنجاڭ سۇچىلىق مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قەرەللىك يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىللىك قۇرۇلۇش، ئىشلەپچىقىرىش، پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەر، بىخەتەرلىك سۈپىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلدى، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلدى.

«شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات گۇرۇھىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر <قەدەم ئېلىشنىڭ ئۆزى ئاتاكىغا ئۆتۈش، باشلاشنىڭ ئۆزى ھەل قىلغۇچ جەڭ> دېگەن كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، تولۇق ئىشقا كىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ» دېدى شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شى چۈەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.