تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچ قوشتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى رولىنى جارى قىلدۇردى

​ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

پاكىز سۈرتۈش، چۇۋۇپ تەكشۈرۈش، چىشلىق چاقنى چىڭىتىش، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىنى تازىلاش... 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاياغلىشىپلا، گۇچۇڭ ناھىيەسى كارىز يېزىسى شەرقىي كارىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈ سۈنلىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇ تىراكتور ۋە باشقا يۈرۈشلەشكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنىڭ جىددىي ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇپ «كۈچ چىقىرىش»ىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

پەن - تېخنىكا يېتەكچىلىكى ۋە جابدۇق تىرىكى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈپ چىقىش يولى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى پەن - تېخنىكىسى ۋە ماددىي جابدۇق تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تېزلەتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى يەنىمۇ تېزلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور نىسبەتتە ئۆستۈرۈلۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ جەلپكارلىقى نامايان قىلىندى.

ئىشلەپچىقىرىشتا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئاساسىي كۈچ

بۈگۈنكى كۈندە، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كۈزلۈك يىغىمغىچە، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پۈتكۈل ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈلۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى دېھقانلارنىڭ ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

2022 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئۆلچەملەشكەن ئېتىز پەرۋىشىنى يولغا قويۇش، پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پاختىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

«مەن بۇلتۇر 800 مو يەرگە كېۋەز تېرىغانىدىم، مو بېشى ھوسۇلى 450 كىلوگىرامدىن 500 كىلوگىرامغىچە بولدى، ھازىر پاختا يىغىشتا پۈتۈنلەي ماشىنىغا تايىنىۋاتىمىز، ھەم تېز، ھەم ياخشى بولۇۋاتىدۇ.» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى تۇنىياز ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە ئىلمىي باشقۇرۇش ۋاسىتىسى، نۇرغۇن ئادەم كۈچى بىلەن پاختا تېرىش تەننەرخىنى تېجەپ قالدى، پاختىنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

بۇلتۇر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 7000دىن ئارتۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىۋېلىش مەشغۇلاتىغا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، يەرلىك، بىڭتۇەندىكى كېۋەز تېرىلغان رايونلاردىن ھالقىپ پاختا يىغىۋېلىشقا قاتناشقان پاختا يىغىش ماشىنىسى 1300دىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتى %85تىن ئاشتى. ماشىنىدا پاختا يىغىشتىكى كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن باشقۇرۇش كۆلىمى 200 مودىن ئاشتى، باشقۇرۇش ئۈنۈمى قولدا پاختا تېرىشنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن بەش ھەسسىسىگىچە توغرا كەلدى، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، كېۋەز ئۆستۈرگەنلەر جاپا تارتماسلىق ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى ئىشلەتكەندە ۋاقىت، كۈچ تېجىلىپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ «ئاقىللاشتۇرۇپ»، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلغىلى بولىدۇ. ئىلگىرى، ئۈزۈم بارىڭى پاكار بولغانلىقتىن، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈم تەكلىرىنى ئېچىشتا كۆپىنچە ئادەم كۈچىگە تايىناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي ئۈزۈمزارلىقنى باراڭ شەكلىدە ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا شارائىت ھازىرلىدى.

«بىر دانە تەك ئېچىش ماشىنىسى بىر كۈندە ئالتە - يەتتە مو يەردىكى تەكنى ئاچالايدۇ، ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئۆستى، ئائىلىمىزنىڭ 15 مو يېرىدىكى تەكنى ماشىنا بىلەن ئاچقاندىن كېيىن يەنە 2000 يۈەن چىقىمنى تېجەپ قالدۇق.» تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىسىنىڭ بەخت كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى دېھقان بەكرى نەمتۇل مۇنداق دېدى: ماشىنىلاشتۇرۇپ تەك ئېچىش ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

ماشىنىلاشتۇرۇش ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قىياپىتىنى ئۆزگەرتمەكتە. بۇلتۇر، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى نۇقتىلىق كېڭەيتىلىپ، باغ - ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ماشىنا - جابدۇقلارغا تولۇقلىما بېرىش ۋە كېڭەيتىش سالمىقى زورايتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى قاتارلىق ئەقلىيلەشتۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 30 مىليون 400 مىڭ كىلوۋاتقا، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى %85.5تىن كۆپرەككە، بۇغداي، قوناقنى تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %98.9، %89.7كە يەتتى.

ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتا ئۇرۇق ئاساس

ئۇرۇق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى» بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، كىرىمىنى كۆپەيتىشىنىڭ يادروسى، ئۇ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بۇلتۇر، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئېشىش، بىرلىك ھوسۇل ئېشىش، ئومۇمىي ھوسۇل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىقتا ئۇدا يەتتە يىل ھوسۇل ئېشىپ، ھوسۇلى 1978 - يىلىدىن بۇيان 2 - يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتتى، بۇنىڭدا ئۇرۇقنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يادرو تېخنىكىسى − بىيوتېخنىكا تەتقىقات ئورنى بىلەن شىنجاڭ «شىنرۇيخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ تاللاپ يېتىشتۈرگەن يازغى بۇغداينىڭ يېڭى سورتى خېچۇن 115نىڭ مو بېشى ھوسۇلى 724.14 كىلوگىرامغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك كۈچلۈك تالالىق يازغى بۇغدايدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى يېڭىلىدى؛ شىخەنزە يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن تەتقىقات يۇرتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان شىندۇڭ 52 - نومۇر كۈزگى بۇغدىيى 863.8 كىلوگىراملىق مو بېشى ھوسۇلى بىلەن ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە شىنجاڭنىڭ كۈزگى بۇغداي يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىلىدى، رېكورت يارىتىشقا تۈرتكە بولغان ئەلا سورتلار ئۇرۇقنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

بۇلتۇردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بۇغداي، قوناق، كېۋەز ۋە پىششىقلىنىدىغان شوخلا قاتارلىق خاس زىرائەتلەرنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوندىكى پەن تەتقىقات يۇرتلىرى، ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى تۈرى، يېڭى سورت (تۈر)نى تاللاپ يېتىشتۈرۈش تۈرى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇشقا تەشكىللەپ، ماشىنىدا يىغىۋېلىنىدىغان ئۇزۇن تالالىق پاختا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك كۈزگى بۇغداي سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشتە «قابىللار باشلامچى بولۇش» بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇغداي، قوناق، ئۇزۇن تالالىق پاختا قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتلىرىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە «تۆت 1 مىليون مولۇق» ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ۋە سورتلۇق ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۆزى يېتىشتۈرگەن بۇغداي، قوناق، كېۋەز، شال، دادۇر قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەت سورتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسىي يېتەكچىسىگە ئايلاندى، تېرىلغۇ كۆلىمى زىرائەت ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئاساسلىق زىرائەت ئەلا سورتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98تىن ئاشتى. شىنجاڭنىڭ كېۋەز ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا، شالغۇت كۆممىقوناق ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا، بۇغداي ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 6 - ئورۇندا تۇردى، ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېھتىياجنى قاندۇردى، ئۇرۇق مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەر بولدى، كونترول قىلغىلى بولىدىغان بولدى.

تەرەققىياتتا تېخنىكا ئاچقۇچ

ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە ئەلا سورتلارنى كېڭەيتىش ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» «تۈجۈپىلەپ تېرىش» «كەڭ سولياۋ يوپۇق يېپىش» «يوپۇق ئاستىدىن سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش» قاتارلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە ئاساس يارىتىپ بەردى.

بۇلتۇر، ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۇەن يېزىسى ۋۇداۋخوزا كەنتىدىكى بىر پارچە كېۋەزلىكتە بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلدى، ئىلگىرى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن 2.05 مېتىر كەڭلىكتىكى سولياۋ يوپۇق 4.4 مېتىر كەڭلىكتىكى سولياۋ يوپۇققا ئۆزگەرتىلدى، سولياۋ يوپۇقنىڭ قېلىنلىقى 0.013 مىللىمېتىرغا يەتكۈزۈلدى، بىر پارچە سولياۋ يوپۇق يېپىلىدىغان تۈپلەرنىڭ قۇر سانى ئەسلىدىكى ئالتە قۇردىن 12 قۇرغا يەتكۈزۈلدى.

ساۋەن شەھەرلىك دېھقانچىلىق پەن - تېخنىكىسى جىنيۆ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى خەن بو مۇنداق تونۇشتۇردى: تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنىڭ يەر تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىش، ئوت - چۆپ يوقىتىش، نەملىكنى ساقلاشقا كۆرۈنەرلىك پايدىسى بولدى، بۇ ئارقىلىق ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلىنى 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يېتىپ، ئېتىزلاردىكى «ئاق بۇلغىنىش»نى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ.

يەرنى كۆلەملەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش قەدىمى نىسبەتەن كېيىن باشلانغان جەنۇبىي شىنجاڭمۇ تېخنىكىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بۇلتۇر، ئاۋات ناھىيەسى كېۋەز تېرىقچىلىقىدا «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» يېڭى تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتتى، بۇ تېخنىكىدا ئەتىيازلىق سۇغىرىش قىلمايلا بىۋاسىتە ئۇرۇق سالغىلى بولىدۇ، يەنە يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ سۇغارغاندا زور مىقداردىكى سۇ بايلىقىنى تېجەپلا قالماي، يەنە كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

«يېڭى تېخنىكا كېۋەزنىڭ ھەر موسىدا سۇ، ئوغۇت، ئادەم كۈچى خىراجىتىنى 100 يۈەن ئەتراپىدا تېجەپ بەردى، كېۋەز مايسىسىنىڭ ئۈنۈش نىسبىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولدى» دېدى ئاۋات ناھىيەسى سەنخې بازىرى غەربىي سايرات كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەۋلانجان ئابلەت.

بىر يۈزلىنىش ئاللىبۇرۇن كۆرۈلدى، يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى يېڭى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا تىرەك بولدى، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئىلغار جابدۇقلارغا تايىنىپ ئومۇملاشتۇرۇلدى، بۇ ئىككىسى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى ئاساسىي قاتلامدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 10 مىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويدى. ھەر قېتىم دېھقانچىلىقنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى قاتارلىق ئورۇنلار مۇتەخەسسىس، تېخنىكا تايانچلىرىنى ۋاقتىدا تاللاپ ئەۋەتىپ، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى، بۇ گۇرۇپپىلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)كە چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى بىلەن بىللە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «قۇرۇق تېرىپ، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» تېخنىكىسى كېڭەيتىلگەن كۆلەم 33 مىليون 240 مىڭ موغا يەتتى، بۇغداي، قوناققا قارىتا يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن قاپلاش نىسبىتىنىڭ %48كە يېتىشى مۆلچەرلەندى، بىر قاتار ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئومۇملىشىشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى پەن - تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.