تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​17 خىل تۆگە سۈتى مەھسۇلاتى شاڭخەي، جېجياڭ بازىرىغا يۈزلەندى

كەلپىندە:

​17 خىل تۆگە سۈتى مەھسۇلاتى شاڭخەي، جېجياڭ بازىرىغا يۈزلەندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسىدىكى تۆگىچىلىك كەسپى بويىچە باشلامچى كارخانا − شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى شاڭخەي، جېجياڭدىكى ئىككى كارخانا بىلەن تەمىنلەش - ئېھتىياج ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان توختام سوممىسى جەمئىي 15 مىليون يۈەن بولغان 17 خىل ئورگانىك يېشىل تۆگە سۈتى مەھسۇلاتى بۇ ئىككى كارخانىنىڭ سېتىش ئورۇنلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۆگە بېقىش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئۆزگىچە چۆللۈك ئىشقارلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ھەمدە بۇلغانمىغان تۇپراق، ھاۋا ۋە سۇ قاتارلىق تەبىئىي شارائىتى بۇ يەر تۆگە سۈتى سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. 2022 - يىلى 8 - ئايدا، كەلپىن ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە كىرگۈزگەن شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئۈچنى قۇردى، نۆۋەتتە يىلىغا بىر تەرەپ قىلىدىغان يېڭى تۆگە سۈتى 6000 توننىدىن ئېشىپ، مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 200 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«شىركىتىمىز كەلپىنگە ماكانلاشقاندىن بۇيان، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلۈپ كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن، كەسىپلەشكەن تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. نۆۋەتتە، 60 نەچچە كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ 240 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.» شىنجاڭ شىنتو سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سۇ خۇا مۇنداق تۇنۇشتۇردى: بۇ يىل شىركىتىمىز «شىركەت + دېھقان ئائىلىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئەندىزىسى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، چارۋىچىلارنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بېقىش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا يېتەكلەپ، سۈت مەنبەسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

كەلپىن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شى يۈ مۇنداق تۇنۇشتۇردى: نۆۋەتتە پۈتۈن ناھىيە بويىچە 30 مىڭ تۆگە بېقىلىۋاتىدۇ، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، باشلامچى يېتەكلەش، تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، مۇلازىمەت كاپالىتى، ماركىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تىرىشىپ 2025 - يىلىغا بارغاندا بېقىلىۋاتقان تۆگىنى 45 مىڭغا يەتكۈزۈپ، تۆگىچىلىك كەسپىنى سىجىل زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.