تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىدە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاندى

يەنجىدە:

​ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرىدە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۆ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 2023 - يىلى 1 - پەسىللىك سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرى بويىچە مەركەزلىك كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مۇراسىمدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن جەمئىي 14ى ئىمزالاندى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد 612 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئىچىدە، ھەم يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن كەسىپ باشلامچى كارخانىلىرى، ھەم زەنجىرنى ئۇزارتىدىغان، زەنجىرنى تولۇقلايدىغان يانداش تۈرلەر بار بولۇپ، تۈرلەرنىڭ تېخنىكا تەركىبى يېتەرلىك، بازار ئىستىقبالى ياخشى. نۇقتىلىق تۈرلەردىن چېنگۇاڭ بىيو پەن - تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى يەنجى شىركىتىنىڭ يىلىغا 350 مىڭ توننا چىگىتنى فېنولسىزلاندۇرۇپ ئاقسىل پىششىقلاش تۈرى، شىڭمېي كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈلى ئادەتتىن تاشقىرى ئاز ساپ كۆمۈرنى قايتا يۇيۇش تۈرى، شىنجاڭ تيەنسەي ئۈزۈم ھاراقچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 2 - قارارلىق سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرى قاتارلىقلار بار.

«2 - قارارلىق سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى تۈرى بۇ يىل يولغا قويۇلدى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىركەتنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، شىركەتنىڭ ساياھەت بۆلىكىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.» شىنجاڭ تيەنسەي ئۈزۈم ھاراقچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن لىجۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركىتىمىز ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش ھۈنەر - سەنئىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە تيەنسەي مەدەنىيەت - ساياھەت شىركىتىنى قۇرۇپ، «ئۈزۈم ھارىقى مەدەنىيىتى + ساياھەت» تىجارەت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئۈزۈش باغچىسى، باقمىچىلىق مەيدانى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى قاتارلىق ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، سەھرا ساياھىتى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بەرپا قىلدى، 1 - قاراردا قۇرۇلغان سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالىنىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇردى.

يەنجى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى مىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر يەنجى تىپ ئۆزگەرتىپ ھالقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يەنجى باشتىن - ئاخىر سودىغا ئەھمىيەت بېرىش، سودىگەرلەرگە مايىللىشىش، سودىگەرلەرنى يۆلەش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.