تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىندا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەر بويىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باشتىن ـ ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ تۈپ قوللانمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئايدىڭلاشتۇرغان نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، تاش ـ تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك چىدامچانلىق بىلەن، ھەربىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىنىڭ ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دىققەتنى كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك؛ كارخانىنى ئاساسىي گەۋدە، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاش كېرەك؛ تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ مۇھىم، زور قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تۈرلەرنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بازار سۇبيېكتىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، رايون خاراكتېرلىك، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ ـ خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش داۋامىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى، نەتىجە يارىتىشىنى نامايان قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەتنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، ئىشەنچنى، ئىرادىنى چىڭىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، بۇ يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، ئامما رازى بولىدىغان خەلق ھۆكۈمىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا بۇ يىللىق 1 ـ پەسىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

چېن ۋېيجۈن، مەڭلىك سىيىت، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.