تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

توردا ئالقىشلانغان «شۆنيۇ تاغا»نىڭ قار ئويما ئەسىرى يەنە يېڭىلاندى! بۇ قېتىم نېمە ئويۇپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يىمىڭ خەۋەر قىلىدۇ) ئەينەن قىلىپ ئويۇلغان تۆت يۈتۇ قار ئويما ئەسىرىدىن باشقا، يېقىندا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4-شى 66-تۇەن چىڭشۈي مەھەللىسى چىڭچۈەن يولىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدا يەنە بۈركۈتنىڭ توشقان تۇتۇشى، تۇلپار، توزدىن ئىبارەت ئۈچ قار ئويما ئەسىرى يېڭىدىن كۆپەيدى. كىشىگە خۇددى راستتەكلا تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ قار ئويما ئەسەرلىرى كوچىغا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن نۇرغۇن كىشىنى جەزمەن كېلىپ كۆرۈپ بېقىشقا، سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

ئابدۇقېيۇم قار ئويما ئەسىرى ياسىماقتا.

ياڭ جۈنچىن فوتوسى

    بۇ قار ئويما ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى 4-شى 66-تۇەن چىڭشۈي مەھەللىسىدىن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ئابدۇقېيۇم ئابدۇقادىر ياسىغان. 2021-يىلىنىڭ بېشىدا، كالا يىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ يول بويىدىكى يىغىلىپ قالغان قارلاردىن پايدىلىنىپ، راست كالىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدە ياتقان ھالەتتىكى كالىنى ئويۇپ چىققانىدى. بەئەينى راستتەكلا كۆرۈنىدىغان قاردا ئويۇلغان بۇ كالا ناھايىتى تېزلا توردا داڭق چىقاردى، ئابدۇقېيۇممۇ مۇشۇ سەۋەبتىن تورداشلار تەرىپىدىن «خەلق ئىچى ئۇستىسى» دەپ تەرىپلەندى، تورداشلار ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «شۆنيۇ تاغا» دەپ ئاتاشتى.

كىشىگە خۇددى راستتەكلا تۇيغۇ بېرىدىغان قار ئويمىلار يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن نۇرغۇن كىشىنى جەزمەن كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى.

ياڭ جۈنچىن فوتوسى

   2022-يىلنىڭ ئاخىرى، توشقان يىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئابدۇقېيۇم يەنە تۆت يۈتۇ قار ئويمىسىنى ياساپ چىقتى. «مەن قارنى دۆۋىلەپ توشقان ئويۇپ چىققاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىگە ياراپ كەتتى. نۇرغۇن كىشى كېلىپ كۆردى، قانچە كۆپ ئادەم كېلىپ كۆرگەنسېرى مەنمۇ شۇنچە خۇشال بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە باشقا يېڭى قار ئويمىلارنىمۇ ياساپ چىقتىم. كۆپچىلىكنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئابدۇقېيۇم 1-ئاينىڭ 30-كۈنى.

ئابدۇقېيۇم ياسىغان قار ئويما ئەسەرلىرى.

ياڭ جۈنچىن فوتوسى

    ئىگىلىنىشىچە، ئابدۇقېيۇم ئەزەلدىن ئويمىچىلىق تېخنىكىسى كەسپىنى ئۆگىنىپ باقمىغانىكەن. كىچىكىدە ئۆيىدىكىلەر كالا، قوي، ئات باققان بولغاچقا، بۇ ھايۋانلارنىڭ تۇرقى ۋە ھالىتى بۇرۇنلا ئۇنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن. بالىلىق چاغلىرىدا، ئۇ ئويۇش پىچىقى بىلەن ياغاچقا ھايۋانلارنى ئويۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئاستا-ئاستا بۇ خىل سەنئەتكە قىزىقىپ قالغان. 2002-يىلىدىن باشلاپ، ئۇ ھەر يىلى قىشتا ئۆز دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدا مۈچەل قار ئويمىلىرىنى ياسىغان. «ھەر يىلىدىكى ئوخشاش بولمىغان مۈچەلگە ئاساسەن قار ئويما ئەسەرلىرىنى ياسايمەن. 12 مۈچەل بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز، مەن بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئابدۇقېيۇم.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.