تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھۆكۈمەت قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، كارخانىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىشەنچى ئاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭدا جيارۇي سودا - سانائەت چەكلىك شىركىتىدە، ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچى يې شياۋدۇڭ باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شوخلا قىيامى، جىغان ئىچىملىكىنى قاچىلايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرۈۋاتاتتى.

«شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، 2022 - يىلى شىركىتىمىز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 7 - تۈركۈمدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىلار تىزىملىكىگە كىردى. بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى جۇڭدا جيارۇي شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ما خۇڭۋېي.

باھار بايرىمىدىن كېيىن، جۇڭدا جيارۇي شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتى، ئىسپىرت ئېچىتىش، دىستىللەش سېخىنىڭ سىرتىغا تەييارلانغان كۆممىقوناق ماتېرىياللىرى دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى.

«2022 - يىلى، بىز جەمئىي 60 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىسپىرت، قوش زەنجىرلىك كىۋاتېرنارى ئاممونىي تۇزى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق خىلورلۇق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق» دېدى ما خۇڭۋېي.

«بۇلتۇرقى يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى، مىدۇڭ رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، چاڭشەنزى بازارلىق ھۆكۈمەت قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى كارخانىمىز ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش جەريانىدا دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەر كۈنى دېگۈدەك ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، بىزنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى تاماملىشىمىزغا ياردەم بەردى» دېدى جۇڭدا جيارۇي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن زېڭگاڭ.

بۇلتۇر 9 - ئايدا، جۇڭدا جيارۇي شىركىتى ئۇلاستاي پورتىنىڭ دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش يولىنى ياساش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. شىركەت سىچۇەندىكى بىر زاۋۇتقا جىددىي ئىشلەپچىقىرىشنى ھاۋالە قىلغان تۇمانلاشتۇرۇپ پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەش ماشىنىسى شىنجاڭغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خېتى چىقىرىپ، شىركەتنىڭ توشۇش يولىنى ئېچىپ، تېزدىن پورتقا يەتكۈزۈپ قۇراشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

بۇلتۇرقى يۇقۇم مەزگىلىدە، بۇ شىركەت ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تەكشۈرۈپ تارقاتقان يول خېتى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خېتىنى ئېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ راۋان، توسالغۇسىز يول يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، جۇڭدا جيارۇي شىركىتىنىڭ پار قازان ئۆيىدە، بىر پار قازان غوڭۇلدىغان ئاۋاز چىقىرىپ، پارنى زاۋۇت رايونىدىكى ھەرقايسى سېخ ۋە ئىشخانىلارغا يەتكۈزۈۋاتاتتى.

ما خۇڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ پار قازاننى شىركەت ئۆزى قۇرغان گاز بىلەن تەمىنلەش پونكىتى گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ، نۆۋەتتە ھەر كۈنى 2000 كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە گاز ئىشلىتىش مىقدارى 4000 كۇب مېتىرغا يېتىدۇ.

گاز بىلەن تەمىنلەش پونكىتى تۇرۇشلۇق يەر شىركەتنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بولۇپ، چاڭشەنزى بازىرى جيەنلياڭ كەنتىنىڭ كوللېكتىپ يېرىگە تەۋە. 2020 - يىلى، جۇڭدا جيارۇي شىركىتى باقمىچىلىق مەيدانى، كېرەكسىز بۇيۇملار پونكىتى قۇرۇلغان بۇ يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، گاز بىلەن تەمىنلەش پونكىتى قۇردى. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ يەرنىڭ تېرىلغۇغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى، بۇنداق بولغاندا پار قازان مەجبۇرىي توختىتىلىپ، پۈتۈن زاۋۇت رايونى پار مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا ئامالسىز قالاتتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلارنى نەق مەيداندا ئىش بېجىرىشكە تەشكىللەپ، جۇڭدا جيارۇي شىركىتىنىڭ ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئىككى يىل ئۇزارتىشنى ماسلاشتۇردى.

«ھۆكۈمەت ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى» دېدى ما خۇڭۋېي.

جۇڭدا جيارۇي شىركىتى زاۋۇت رايونىنىڭ شەرق تەرىپىدە، كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كونا زاۋۇت بىناسى ئۆزگەرتىپ ياسىلىۋاتاتتى. ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى نۆۋەتتە لىنىيە ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى تېزلا قۇراشتۇرۇلىدۇ.

بۇ، شىركەت 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان كالا، قوي گۆشىنى توڭلىتىش، پارچىلاپ پىششىقلاش تۈرى بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 150 مىليون يۈەن بولۇشى مۆلچەرلەندى. بۇ تۈر بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن 200 كۇب مېتىر كېلىدىغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى پۈتتى.

«ئاپتونوم رايون زور كۈچ سەرپ قىلىپ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇردى، پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىيات ياخشى پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىپ، مەبلەغ سېلىش ئىشەنچى ئاشتى، بىز ۋەزىيەتكە تايىنىپ يېڭى تۈرلەرنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىمىز» دېدى ما خۇڭۋېي.

كالا، قوي گۆشىنى توڭلىتىش، پارچىلاپ پىششىقلاش تۈرىدىن باشقا، 2023 - يىلى، جۇڭدا جيارۇي شىركىتى يەنە 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇق مېۋە، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى پىششىقلاش تۈرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ، ھازىر بار بولغان شوخلا قىيامى، ھەسەل، جىغان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تۈرىنىڭ تېخنولوگىيەلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك ئىسپىرتى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان كۆممىقوناقنى ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرىنى بىرىكتۈرۈپ، تۈرلۈك دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى...

2022 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭدا جيارۇي شىركىتى خاڭجوۋدا سېتىش شىركىتى قۇردى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قۇرۇپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى. «مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 3 - ئايدىن كېيىن، تور ئارقىلىق سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلار زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، شىركەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى چېن زېڭگاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.