تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» مەخسۇس زايومىنىڭ 3 - قارارلىق مەبلىغى ئەمەلىيلەشتى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى لۈسې ئوقەتچىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شاڭخەي ئاكسىيە سودا بازىرى ئارقىلىق كەسپىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا يۈزلەنگەن، ئاشكارا تارقىتىلمايدىغان 3 - قارارلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش شىركەت زايومىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتتى، تارقىتىش سوممىسى 700 مىليون يۈەن بولدى. بۇ زايوم غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» مەخسۇس زايومى.

«نۆۋەتتە بۇ زايوم مەبلىغى گۇرۇھ شىركەتنىڭ ھېساباتىغا كىردى، بىز ھەرقايسى تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركەتلەرگە ئاجرىتىپ بېرىۋاتىمىز.» 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى لۈسې ئوقەتچىلىك تەرەققىيات گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەبلەغ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ تۆگىچىلىك كەسپى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ جىغان كەسپى، خۇڭچىپو بىڭتاڭشىن ئالما كەسپى، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ كالا، قوي، كەپتەر باقمىچىلىق كەسپى قاتارلىق ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەردىكى خاس يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ قارارلىق زايوم مەبلىغى ئاساسلىقى كاپىتال بازىرىدىكى لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا تارقىتىلىدۇ، ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى شەرقىي قىسىمدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى ئاكسىيە سودىگەرلىرى، ھاۋالە، سۇغۇرتا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ھەمدە شىنجاڭدىكى يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئىبارەت. خۇاشيا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى، شىنجاڭ بانكىسى، ئۈرۈمچى بانكىسى، ئىلى يېزا سودا بانكىسى، ئاقسۇ يېزا سودا بانكىسى، شىڭيې ئاكسىيەسى، يىنخې ئاكسىيەسى قاتارلىق 13 ئاپپارات بەس - بەستە سېتىۋېلىپ مەبلەغ سېلىپ، زايومنىڭ ئوڭۇشلۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خۇاشيا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، مەبلەغ سالغان ھەرقايسى بانكىلار ئىچىدە سالمىقى ئەڭ زور. «بىز باش بانكىغا جىددىي ئىلتىماس سۇندۇق، پەقەت ئۈچ كۈندىلا تەستىقلاندى» دېدى خۇاشيا بانكىسى ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى پۇل مۇئامىلە بازىرى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ زېڭرېن.

ياڭ ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈر «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش» مەخسۇس شىركەت زايومىنىڭ تارقىتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2 مىليارد يۈەن، مۇددىتى 2+3 يىل بولۇپ، بۇلتۇر 4 - ئايدا 1 - قاراردا 480 مىليون يۈەن تارقىتىلدى، 9 - ئايدا 2 - قاراردا 520 مىليون يۈەن تارقىتىلدى، بۇ يىل 1 - ئايدا 3 - قاراردا 700 مىليون يۈەن تارقىتىلدى، پىلان بويىچە 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 4 - قاراردا 300 مىليون يۈەن تارقىتىلىدۇ.

ياڭ ياڭ مۇنداق دېدى: «زايوم ساپ ئىناۋەت شەكلى قوللىنىلىپ تارقىتىلىدۇ، رەنىگە قويۇش ۋە كېپىل بولۇش ھاجەتسىز بولۇپ، بىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىمىزنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى، مەبلەغنى ئىشلىتىشىمىز بىرقەدەر جانلىقلاشتى، بۇ، شىركەتلەرنىڭ ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق ئالاقىدار خاس كەسىپ تۈرلىرىنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.