ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدىكى پارنىكقا كىرسىڭىز، مەرۋايىتتەك پارقىراق شوخلىلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلىلار قۇم ئەتلىك، شىرنىلىك بولۇپ، قەنت تەركىبى مۇۋاپىق، ئۈزۈش مەزگىلى توققۇز ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، مو بېشى مەھسۇلات قىممىتى 400 مىڭ يۈەندىن 600 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ. بۇ يەردە ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلىنىڭ پۇلوۋاڭسى، چۈەنشوۋ شوخلىسى، خوئېرگو شوخلىسى قاتارلىق سەككىز خىل خاس سورتى بار، شوخلىلار ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سىستېما ئارقىلىق تېرىلىدۇ، قېنى، مۇخبىر بىلەن بىرلىكتە كۆرۈپ بېقىڭ.
مۇخبىر \ رېژىسسور \ ئېكراندا: بارشا تېگېس
ئوپېراتور \ فىلىم ئىشلىگۈچى: سۇ شۈەنمىڭ
بىر قىسىم خام ماتېرىياللارنى قورغاس شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن
نازارەتچىلەر: فېڭ يۇڭفاڭ، ماۋ مىڭدۇڭ، شۆ جىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى