تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2022 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.6 ئاشتى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 2022 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنىڭكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.6 ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ جيەنخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايون تۈرلەرنى تۇتۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، سانائەت سېلىنمىسىنى كۆرۈنەرلىك تېزلەتتى.

سېلىنما ساھەسى بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش سالمىقى زورايدى. 2022 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %18.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 11.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %39.6كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. سانائەت سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن %37.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 26.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %42.2كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 9.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، توك، پار، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى سېلىنمىسى بىر ھەسسە ئاشتى.

2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىردىن ئىبارەت يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى سېلىنمىسىغا سىجىل كۈچىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ئېلېكتىر قۇرۇلۇش تۈرى 269 بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 132سى كۆپىيىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %96.4 ئاشتى؛ تاماملانغان سېلىنما 3.8 ھەسسە ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سېلىنمىسىنىڭ 7.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، توك، پار، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى سېلىنمىسىنىڭ 87.8 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«2022 - يىلى پۈتۈن يىلدا مۇھىم، زور تۈرلەردە تاماملانغان سېلىنما جەمئىي 283 مىليارد يۈەن بولۇپ، پىلاندىكى نىشان مۇددەتتىن بىر ئاي بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق سېلىنما ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىدى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ كۇيرەن مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى، دىققەت سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە، كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق بەش چوڭ ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 370 مۇھىم، زور تۈر يولغا قويۇلدى، بۇ، يۇقۇم زەربىسى قاتارلىق كۆزلىمىدىن ھالقىغان ئامىللارنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاشتا پائال رول ئوينىدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، «چوڭ سۇچىلىق، چوڭ قاتناش، چوڭ ئېنېرگىيە، چوڭ سودا، چوڭ خەلق تۇرمۇشى، چوڭ بىخەتەرلىك» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.