تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2022 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.2 ئاشتى

​كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ياخشى بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گاۋ فېڭ، شى شىننىڭ 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2022 - يىلى شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 774 مىليارد 134 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.2 ئاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شۈ جيەنخۇي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: 2022 - يىلى، ئاپتونوم رايون مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2022 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئۈچ كەسپىدە بىردەك ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاشلىق، پاختا ھوسۇلىدا يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلدى، چارۋىچىلىق كەسپىدە ئېشىش تەكشى، مۇقىم بولدى، پۈتۈن بىر يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 546 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %5.8 ئاشتى. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن تەسىرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون قاتناش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن سىياسەت پايدىسىنى دەل جايىدا قويۇپ بەردى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇلازىمەت كەسپى (3 -كەسىپ)نىڭ قوشۇلما قىممىتى 796 مىليارد 99 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %1.5 ئاشتى.

ئىقتىسادقا تۈرتكە بولغان «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئىچىدە سېلىنما، ئېكسپورت تېز ئاشتى، ئىستېمالنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئاپتونوم رايون تۈرلەرنى تۇتۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، پۈتۈن بىر يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %7.6 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەتكە مەبلەغ سېلىش كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا پائال سىڭىشىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولدى، ئاپتونوم رايون بويىچە مال ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 246 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %57 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 49.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇلتۇر يۇقۇم ئىستېمال بازىرىغا بىرقەدەر زور زەربە ئېلىپ كەلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 324 مىليارد 48 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن سەل تۆۋەنلىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون ئىستېمالنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىستېمالنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىستېمال بازىرى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلدى. بۇلتۇر 12 - ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %0.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 9 - ئاي، 10 - ئاي ۋە 11 - ئايدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 28.9، 33.2، 35.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

خەلق تۇرمۇشى كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتى جەھەتتە، 2022 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 461 مىڭ 500 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار 33 مىڭ 100 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، 3 مىليون 32 مىڭ 400 يېزا ئەمگەك كۈچى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 27 مىڭ 63 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.8 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن ماس قەدەمنى ساقلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى %1.8 ئۆرلىدى، ئۆرلەش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن بولدى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2022 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتىش ئامىلىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بەردى، كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ياخشى بولدى» دېدى شۈ جيەنخۇي.

شۈ جيەنخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىستېمال ئېھتىياجىنى پائال قويۇپ بېرىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.