تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى

(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى مۇۋەققەت باش تەپتىش گاۋ جىمىڭ بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرىدىن رازى بولۇپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2023 - يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىكىر يولىغا قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 -، 5 -، 6 -، 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى قانۇن نازارەتچىلىكى ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەپتىش قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن تەپتىش ھوقۇقىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قانۇن بويىچە قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.