تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارارى

(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى ۋە قاراپ چىقتى. يىغىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2023 - يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپكە قوشۇلۇپ، بۇ دوكلاتنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى.

يىغىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 -، 5 -، 6 -، 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايدىغان مۇھىم، زور مەسئىۇلىيەتنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.