تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ھەم باھار بايرىمىنى ئورتاق كۈتۈۋالغاندا، باھار بايرىمى ھارپىسىدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ھەم باھار بايرىمىنى ئورتاق كۈتۈۋالغاندا، باھار بايرىمى ھارپىسىدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە ھەم باھار بايرىمىنى ئورتاق كۈتۈۋالغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنى پائال يېتەكلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، سەمىمىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى چارىلەرنى كۆرسىتىپ، ياخشى مەسلىھەتچى، ياخشى ياردەمچى، ياخشى خىزمەتداش بولۇشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغان ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغاندا، شىنجاڭ تارىم نېفىتلىكى شىركىتى جەنۇبىي بۈگۈر نېفىت - تەبىئىي گاز ساقلاش - توشۇش مەركىزى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 1 - پونكىتىنىڭ كېلا تەبىئىي گاز يىغىش رايونىدىكى ھەر مىللەت خىزمەتچىلەر بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىنى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى بىر يىلدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز، تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈمى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى توپلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قاتتىق، پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باھار بايرىمىنى شاد - خۇرام، تىنچ - ئىناق كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ياشانغانلار توپىنى ياخشى قوغداشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يېزا رايونلىرىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ كۆكتات، ئاشلىق، مېۋە - چېۋىگە بولغان بازار تەمىناتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، مېۋە - كۆكتات، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەش ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈر، توك، ماي، تەبىئىي گاز، تىرانسپورتنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ بايرامنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ۋە پوجاڭزا، ساليوت، يول قاتنىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەر ۋە ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلاردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك؛ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەر، ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرامنى پاك ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.