تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 3 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ئاپتونوم رايوندىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى مەركىزىي كومىتېت نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى ما شىڭرۇي سايلاندى

ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى

نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 3 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى قانۇن بويىچە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، زۇمرەت ئوبۇل، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن، ليۇ لىن، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 546 كىشى، قاتناشقانلار 522 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ئارقىدىن نامسىز بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن سايلام ئۆتكۈزۈلدى.

بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 60 ۋەكىل سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى، مەركىزىي كومىتېت نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى ما شىڭرۇي قاتارلىقلار سايلاندى.

يىغىندا زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر مۇئاۋىن مۇدىرلىققا، مۇتەللىپ روزى باش كاتىپلىققا سايلاندى؛ مەخمۇت ئابدۇۋەلى قاتارلىق 59 كىشى ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

يىغىندا ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكىگە، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، چېن مىڭگو، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، قەيسەر ئابدۇكېرىم مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى.

يىغىندا تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

يىغىندا دىلشات سايىم ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

يىغىندا گاۋ جىمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلاندى، يەرلىك تەشكىلىي قانۇن قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىگە يوللاش ئارقىلىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدۇ.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا كومىتېتى، مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتى، مىللەت - دىن - تاشقى ئىشلار - جۇڭگولۇق چياۋمىنلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يىغىندا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا سايلانغان ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، باش كاتىپى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.