(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
«جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسى»نىڭ 57 - ماددىسى 7 - تارمىقىدىكى «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يەرلىك كومىتېتنىڭ دائىمىي كومىتېتى يەرلىك كومىتېتنىڭ خىزمەت ئاپپاراتىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىدۇ ھەم ئۇنىڭ رەھبىرىي ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىدۇ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى بەنگۇڭتىڭ، تەكلىپ كومىتېتى، ئىقتىساد كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا كومىتېتى، مىللەت ۋە دىن كومىتېتى، مائارىپ - پەن - تېخنىكا - سەھىيە - تەنتەربىيە كومىتېتى، نوپۇس - بايلىق - مۇھىت كومىتېتى، جەمئىيەت ۋە قانۇنچىلىق كومىتېتى، شياڭگاڭلىق - ئاۋمېنلىق - تەيۋەنلىك قېرىنداشلار - چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتى قاتارلىق خىزمەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلدى.