تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى داۋاملىق قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)نىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى ھەم تۈرلۈك قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى.

«مەن ئۈچ خىزمەت دوكلاتىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن!» ۋەكىل مەمەت ئېزىز مۇنداق دېدى: دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئارقىلىق بىز ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەت، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىنى كۆردۇق. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلاپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن».

ۋەكىل تۇرسۇن روزى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات يىراقنى كۆزلىگەن، مەزمۇنى مول، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. كېيىنكى خىزمەتلەردە، بىز توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ۋەكىللەر خىزمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل قويۇپ كۈچ چىقىرىمىز. بولۇپمۇ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «ئائىلىسى، ئىشخانىسى، پونكىتى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋەكىللەر ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپى، پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈش، خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

ۋەكىل ماۋ گوفېڭ مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلگەن، مەزمۇنى مول، سانلىق مەلۇماتلىرى پۇختا، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ ۋە ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپ، 2023 - يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەر ئىلمىي، مۇۋاپىق، دەل جايىدا پىلانلىنىپتۇ، قانۇنچىللىق روھى ئەۋج ئالدۇرۇلغان، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىنغان، خەلقچىل ھېسسىيات گەۋدىلەندۈرۈلگەن ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

ۋەكىل ۋاڭ شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەمەلىي بولۇپ، يۈكسەكلىككە، تەسىرچانلىققا، چوڭقۇرلۇققا ئىگە ياخشى دوكلات بوپتۇ. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كۈچلەرنىڭ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش»ىنى بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قوشۇن ساپاسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قاتلاملار بويىچە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

ۋەكىل ۋاڭ شۆ شىنجاڭ زەرەپشان ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئادۋوكاتلىق كەسپى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمەن، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدا نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەرنى بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن ياردىمى بېرىش دېلولىرىنى ياخشى بېجىرىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت، ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

ۋەكىللەر يەنە ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى كېڭەشتى.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، پەرىزات ئابدۇل، ۋاڭ نا، كاڭ خاۋيەن، يۈ جياڭيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.