تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

(2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ 3 -، 5 -، 6 -، 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، كۆڭۈل قويۇپ تېما تاللاپ، پائال تۈردە تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.

2023 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 14كىچە، جەمئىي 839 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 672 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، ئەنگە ئېلىش نىسبىتى %80.1كە يەتتى، 75 پارچە تەكلىپ پىكىر ۋە تەكلىپكە ئايلاندۇرۇلدى، 92 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىنمىدى. ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار تەكلىپى 439 پارچە بولۇپ، %65.3نى ئىگىلىدى، كوللېكتىپ تەكلىپ 233 پارچە بولۇپ، %34.7نى ئىگىلىدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تەكلىپنىڭ تېما تاللاش دائىرىسى كەڭ، قويۇلغان تەكلىپ - پىكىر كونكرېت، تەكلىپ سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى بولدى، بولۇپمۇ پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپ سانى كۆپەيدى، سۈپىتى روشەن يۇقىرى بولدى.

ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا دائىر تەكلىپ 273 پارچە بولۇپ، %40.6ىنى ئىگىلىدى؛ سىياسىي قۇرۇلۇشقا دائىر تەكلىپ 41 پارچە بولۇپ، %6.1نى ئىگىلىدى؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا دائىر تەكلىپ 85 پارچە بولۇپ، %12.7نى ئىگىلىدى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا دائىر تەكلىپ 236 پارچە بولۇپ، %35.1نى ئىگىلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر تەكلىپ 37 پارچە بولۇپ، %5.5نى ئىگىلىدى.

1. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا دائىر تەكلىپلەر، ئاساسلىقى: نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە، يېقىن ئەتراپتا تۈجۈپىلىك پىششىقلاشقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ۋە يۇقىرى - يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم، پورت، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تۇرۇبا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، زامانىۋى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرى تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش، يەرلىك ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا - تىجارەت مۇھىتى سىياسىتى - مېخانىزمىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ھەر خىل بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىقلار.

2. سىياسىي قۇرۇلۇشقا دائىر تەكلىپلەر، ئاساسلىقى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ سودىيە، تەپتىش ئەمەلدارى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ ئىزچىللىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش - تۈزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان سىياسىي - ئىدىيەۋى تەربىيە، ئائىلە تەربىيەسى، ياخشى ئۆرپ - ئادەت تەربىيەسى ۋە پىسخىكىلىق ساغلاملىق جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش، تىل ئورتاقلىقى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ رىشتە باغلىشى، تەقدىرداش بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار.

3. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا دائىر تەكلىپلەر، ئاساسلىقى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى پائال بەرپا قىلىش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش؛ يېڭى دەۋرگە خاس بىر تۈركۈم مەدەنىيەت - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى يارىتىشقا كۈچەش، قىسقا سىن ئىجادىيىتى، تارقىتىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، جۇڭگو قەلبى، جۇڭگو روھىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ھېكايىسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى سۆزلەش؛ تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى ۋە قىزىل بايلىقنى يەنىمۇ ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئاسارئەتىقىلەرنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى ۋاسىتە قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش قاتارلىقلار.

4. جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا دائىر تەكلىپلەر ئاساسلىقى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى - مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى چىڭ تۇتۇش؛ ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش بويىچە تېبابەت ئىقتىدارى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىر بار ئىختىساسلىقلاردىن ئوبدان، يېتەرلىك پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش - يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش؛ يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئالىي مائارىپنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن تەتقىقات مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىناقلىق، مۇقىملىق ئۇلىنى مۇستەھكەملەش؛ ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار.

5. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر تەكلىپلەر ئاساسلىقى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە باشقۇرۇپ، مۇھىم دەريا - ئېقىنلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىش؛ چېكىنىپ كەتكەن ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇملىشىشنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ «ئۈچ كېرەكسىز»دىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش؛ كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار.

يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر مەركەزلىك ھالدا بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا تەكلىپ قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر ئادەتتىكى چاغلاردا تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپ سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.