تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە ئامبارنى بېلىق بىلەن لىق تولدۇردى

نىلقا ناھىيەسى تيەنيۈن شىركىتى

تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە ئامبارنى بېلىق بىلەن لىق تولدۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس

1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى قاراسۇ يېزىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى جىلىنتەي سالمون بېلىقى باقمىچىلىق رايونىدا، ياڭراق توۋلىغان ئاۋازغا ئەگىشىپ بېلىق تۇتۇش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تورنى توختىماي تارتتى، پىلتىڭلاپ تۇرغان سالمون بېلىقلىرى سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقتى...

قاراسۇ يېزىسى تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، بۇ يەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قاش دەرياسىنىڭ سۈيى سۈزۈك ھەم سوغۇق بولغاچقا، سوغۇق سۇ بېلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشقا ماس كېلىدۇ، تيەنيۈن شىركىتى شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىغا تايىنىپ، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىش ۋە كۈچەيتىش بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى.

«بىز ئەتىگەن سائەت 8دىلا بېلىق تۇتۇشنى باشلىغان، بۇ بېلىقلار شاڭخەي ۋە داليەنگە توشۇلىدۇ، تەخمىنەن 30 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، بېلىق تۇتۇش ئاخىرلىشىشى بىلەنلا دەرھال ئاپىرىپ پىششىقلاشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى تيەنيۈن شىركىتى بېلىق تۇتۇش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى جۇڭپىڭ.

بېلىق تۇتۇش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئوسبان ئارالباي تورنى كۈچەپ تارتقاچ مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتقىنىمغا يەتتە يىل بولدى، مائاشىم يىلدىن - يىلغا ئۆسۈۋاتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ بىزگە ئوخشاش يىلمۇ يىل <ئېشىنچا>سى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»

بېلىق تۇتۇش، بېلىق سۈزۈش، بېلىق قاچىلاش، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ تيەنيۈن شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش بولۇش، سودا ئاۋات بولۇشتەك ياخشى ھالەتنى ساقلاپ كەلدى.

بۇ شىركەتنىڭ باقمىچىلىق رايونى، پىششىقلاش رايونىغا كىرسىڭىز، ھەممىلا يەردە پاتېنت ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى كۆرىسىز. تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئارقىلىق، چوڭ كۆلەملىك سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقىغا ئائىت 60تىن ئارتۇق يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلىگەن. «بىزنىڭ باقمىچىلىق رايونىمىز ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، شىركىتىمىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان سۇ تېگىنى تازىلاش ماشىنا ئادىمى باقمىچىلىق رايونىدا سۇ تېگىدىكى بارلىق تور ساندۇقلىرىنىڭ ئاستىغا يىغىلىپ قالغان يەمچۈك قالدۇقلىرى ۋە بېلىق گەندىلىرىنى تازىلاپ، قىرغاققا تارتىپ چىققاندىن كېيىن زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ» دېدى شىركەتنىڭ سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خادىمى خەن رۇيباڭ كۆزىتىش - تىزگىنلەش كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

دەسلەپكى پىششىقلاش سېخىدا، سالمون بېلىقلىرى ۋاكۇئۇملۇق پومپا ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ ئاددىي بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسسىق ساقلاش ئوبوروت ساندۇقىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ئاندىن مۇز ۋە سوغۇق سۇ بىلەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ئىككى مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر يەشىك سالمون بېلىقىنى پېچەتلەش تاماملىنىدۇ، ئارقىدىن بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم رۇسىيە، تايلاند، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ.

بېلىق تازىلاش ئىشچىسى قايسەر ئاققۇز يەتتە سېكۇنتتىلا بىر تال سالمون بېلىقىنى ئۆلتۈرۈپ تازىلىيالايدۇ. «كېيىنچە مەن تېخىمۇ تېز قىلىدىغان بولۇپ كېتىمەن» دېدى ئۇ. قايسەر قاراسۇ يېزىسى قاراسۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى «پادىچى» ئىدى، بەزىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپاتتى، كىرىمى مۇقىم ئەمەس ئىدى. تيەنيۈن شىركىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدى، ئايلىق مائاشى 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ.

«شىركەت بىزگە ناھىيە بازىرىدىكى شىنخۇاجۈەن ئولتۇراق رايونىدىن ئۆي تەقسىملەپ بەردى.» ياندا، قايسارنىڭ خوتۇنى باغىلا نۇرداۋلېت مۇنداق دېدى: ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، شىركەت خىزمەت قىلىپ ئۈچ يىل توشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى پاراۋانلىق ئۆيى بىلەن تەمىنلىدى، ئون يىل توشقانلارغا ئۆي - مۈلۈك گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بەردى. شۇ جايدىكى نەچچە يۈز كەنت ئاھالىسى شىركەتنىڭ تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى دېھقان - چارۋىچىدىن باقمىچىلىق ئىشچىسى، يۆتكەش - توشۇش ماشىنىسى شوپۇرى، ماشىنا جازىسى باشلىقى، غەۋۋاس، سۇ سۈپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خادىمى قاتارلىق كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلاندى.

كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە، شىركەت خىزمەتچىسى قاستېر باتىق تەگلىك تەخسىسىدىكى بېلىق تۇخۇمىنىڭ ئەي بولۇش ئەھۋالىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەكشۈردى. «بۇ 600 مىڭ تال سالمون بېلىجىنىنىڭ ئېلىپ كېلىنگىنىگە ئۇزاق بولمىدى، ئۇلار بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ دانىيەدىن <ئۇچۇپ> كەلگەن» دېدى قاستېر. نۇرغۇن ئۇششاق يۇمىلاق شارسىمان بېلىق تۇخۇمى زىچ قاتار تىزىلغان، تەگلىك تەخسىسىنىڭ ئايرىش بۆلمىسىگە قويۇلغان بولۇپ، بېلىجانلار تۇخۇمدىن چىقىۋاتاتتى.

«شىركىتىمىز سالمون بېلىقى باقمىچىلىقىدا دۇنيادىكى ئىلغار ئايلانما سۇ باقمىچىلىق ئەندىزىسىنى قوللاندى.» تيەنيۈن شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور دىڭ يايىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركىتىمىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىپ پۈتۈن مەملىكەت چوڭ سۇ يۈزى بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ يېشىل ئېكولوگىيەلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماي، يەنە تەرەققىي قىلىپ يىلىغا 8 مىليون سالمون بېلىجىنى كۆپەيتىپ يېتىشتۈرەلەيدىغان، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 6000 توننا بولغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىسىغا ئايلاندى. بۇ يىل شىركىتىمىز بەرپا قىلغان پەن - تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، نەسىل كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش، ئاقىل باقمىچىلىق، ئىنچىكە پىششىقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، بازار ماركېتىڭى، ماركا يارىتىش، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، سەيلە - ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن سالمون بېلىقى كەسپى سىستېمىسىغا تايىنىپ، نىلقا ناھىيەسىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.