تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 1 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، 13 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىچكى ئاپپارات تەسىس قىلىش لايىھەسى ۋە ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان، داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان ئىش. يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشنى ئەڭ روشەن ئاساسىي رەڭ قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش پائالىيىتى، تۈزۈمنى يۈرۈشتۈرۈش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، 2 -، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئەڭ مۇھىم مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملىشىش، ئالاقىسى كەڭ بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇرچ - ۋەزىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مەركىزىي خىزمەتكە، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قابىلىيەتنى ئاشۇرۇپ ئىتتىپاقلىشىشقا ماھىر بولۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ جانلىق ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قائىدە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەخلاق - پەزىلەتنى تاۋلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ياخشى ئوبراز تىكلەشتە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇپ، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىغا شەرەپ كەلتۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرىم سىمايىلخان، ئېزىز مۇسا، ليۇ خۇيجۈن، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.