تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، سۈي يۈنيەن، ۋاڭ نا، جاڭ جىلى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ، ئانار دانىلىرى قەلبداش بولدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇش ۋە مۇجەسسەملەش» بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىندى. قانداق قىلغاندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش - چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىش

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش - چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، بىز ئىزچىل ئىشلەپ كېلىۋاتقان خىزمەت» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لۇ چۇنپىڭ.

2022 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەتقىقات تېمىسىغا تايىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى ھەمدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈنمە ئوبرازى، شىنجاڭ بىلەن باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى ۋە رېئاللىقى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر تەتقىق قىلدى، بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى ھەم ئىلىم مەخسۇس مەيدانى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس تېمىدا چۈشەندۈردى.

«ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تۈپ ئاساسى.» ئەزا لۇ چۇنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئاددىي ئىش ئەمەس. بۇ يىل، بىز ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىق - تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

قانداق قىلغاندا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ؟

ۋەكىل ليۇ خۇڭشيەن مۇنداق دېدى: مەن تۇرۇشلۇق جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، نېفىت روھى، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھى قاتارلىقلارنى ۋەكىل قىلغان «بەش خىل رەڭ»دىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىگە ئىگە، نېفىت پۇرىقىغا ئىگە «تولۇق خادىملىق ئادەم تەربىيەلەش، پۈتۈن مۇساپىلىك ئادەم تەربىيەلەش، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەش» يېڭى يولىنى ئېچىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت قىممەت ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈردى.

«بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇش پۈتكۈزگەن بارغانسېرى كۆپ ئوقۇغۇچى شىنجاڭدا قېلىپ تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشنى تاللىدى.» ۋەكىل ليۇ خۇڭشيەن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپ مەدەنىيەت بازىسى، ئەمەلىيەت بازىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى قارىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسى قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيدۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، بەرپا قىلىشنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى ۋە ئەمەلىيەت ۋاسىتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى.

«مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 90ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى تەربىيە بازىسىدىن 14ى قۇرۇلدى»... ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان ھەربىر تۈرلۈك نەتىجە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەمىنات - سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى ياڭ لىندا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

«2022 - يىلى، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن يەتتىنى بەرپا قىلدى.» ئەزا ياڭ لىن مۇنداق دېدى: «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە، خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مىڭ چاقىرىملىق يول بېسىپ ياردەم بېرىش، «پارتىيە ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن تاغا» ئابدۇجاپپار مېڭدى، شىنجاڭلىق چارۋىچىلار دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قارلىق دالىدا ئات چاپتۇرۇپ قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىنى جەڭگە ئاتلىنىشقا ئۇزىتىپ قويۇش قاتارلىق ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلار كەڭ مەدھىيەلەندى، كىشىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردى، «بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش، سوتسىيالىستىك جۇڭگونى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت گۈزەل مۇھەببىتىگە گۇۋاھ بولدى».

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەردىن، ئەتراپىمىزدىكى ئىشلاردىن باشلىشىمىز كېرەك.» ئەزا ياڭ لىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش داۋامىدا ئامما ئۈچۈن كۆپلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» «قولۇم - قوشنىلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش» «چوڭ قول كىچىك قولنى يېتىلەش» قاتارلىق ئاممىۋى مېھىر - مۇھەببەت يۇغۇرۇش ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ۋاسىتە، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكلەيمىز.

تارباغاتاي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى بىر مۇنبەت تۇپراق بولۇپ، 2015 - يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى. ۋەكىل لۇ خۇڭ بۇ جايدا تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

لۇ خۇڭ ئىلگىرى «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» نامىغا ئېرىشكەن. ئۇ تۇرۇشلۇق چۆچەك شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك مەكتەپ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇ مەكتەپ «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى «تېمىتىپ سۇغىرىش شەكلى»دە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇتۇش دەرسخانىسىنى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىق سورۇنلارغا كۆچۈرۈپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىدى.

ۋەكىل لۇ خۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «مېھىر - مۇھەببەت يۇغۇرۇش تەربىيەسى» باش تېما پائالىيىتىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولىمىز.

ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىش

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ۋەكىل جادىرا قابۇل بۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇننى كۆرگەندىن كېيىن ھەسسىلەپ ئىلھاملاندى، چۈنكى ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزىسى تاستى كەنتى دەل ئاھالىلەر گىرەلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت ئىدى.

«كەنتىمىزدە خەنزۇ مىللىتى، قازاق مىللىتىدىن ئىبارەت ئىككى مىللەتتىن بولغان كەنت ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان، كۆپچىلىك ئىناق ئۆتىدۇ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدۇ.» ۋەكىل جادىرا قابۇل مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ھېيت - بايراملاردا كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا يوقلىشىپ، بىر - بىرىدىن ئەھۋال سورىشىدۇ، بىرەرسىنىڭ ئۆيىدە توي، پەرزەنتلىك بولۇش، داشۆگە ئۆتۈش قاتارلىق خۇشاللىنارلىق ئىشلار بولسا، بىر - بىرىنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، كەنت يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، كەنتتىكى باشقا ئاھالىلەرنى باشلاپ بىللە ئىشلىدى. بولۇپمۇ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، كۆپچىلىك بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتتى.

«كەنتىمىز ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى.» ۋەكىل جادىرا قابۇل مۇنداق بىلدۈردى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاستى كەنتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز.

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە، ئالتە مەھەللىدىكى 32 ئولتۇراق رايوندا گىرەلىشىپ ئولتۇراقلىشىش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى قۇربانقۇل كاماس مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا دوستلىشىش، تۇغقانلىشىش، ھەر ئايدا ئائىلىلەرگە كىرىپ يوقلاش، تىل - يېزىقنى ئورتاق ئۆگىنىش، ئۆرپ - ئادەتنى ئورتاق ئۆگىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

«كېيىنكى قەدەمدە، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيمىز.» ئەزا قۇربانقۇل كاماس مۇنداق بىلدۈردى: بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا پايدىلىق جەمئىيەت مۇھىتى ۋە ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى پائال يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.