ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 4 - يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، تيەن شياڭلى، زۇمرەت ئوبۇل، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى)نى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئۆزگەرتىلگەن لايىھەنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئۈچ دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن ۋە ۋەكىللەر بىرلىشىپ كۆرسەتكەن تۈرلۈك نامزاتلارنى كېڭىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن ۋە ۋەكىللەر بىرلىشىپ كۆرسەتكەن نامزاتلارنى بىرلىكتە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.