تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئىككى مەھكىمە خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئەزالار بىردەك مۇنداق قارىدى: بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلەنگەن، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جاۋاب بېرىلگەن، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇلغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى تەلىپىگە ئۇيغۇن بوپتۇ.

«ئىككى مەھكىمە دوكلاتىدا سانلىق مەلۇمات تەپسىلىي، تەرتىپ ئېنىق، نىشان ئايدىڭ بولۇپ، جانلىق بولغان، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان دېلو مىساللىرى ئارقىلىق خىزمەتلەر بايان قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىغا ئىككى مەھكىمە خىزمىتى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلۈپتۇ، شۇنداقلا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇلۇپتۇ.» ئەزا ليەن يۈفېي مۇنداق دېدى: ئىككى مەھكىمىنىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى شەكلىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش قانۇنىيىتى ھەمدە قانۇنچىللىق مائارىپ ئوقۇتۇشى قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ھەرقايسى تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا پەرىدە مونى مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، ماجىرالارنى مەنبەدىن تۈگىتىشنى تەكىتلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى ۋە كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەزا باقىتىف ئىنايەت مۇنداق دېدى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، ئىككى مەھكىمە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور، بۇرچ شەرەپلىك، ئىككى مەھكىمىنىڭ دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە داۋاملىق مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى پۇختىلاش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ جىڭجىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ما يىنىڭ، لى شىڭ، سۈي يۈنيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.