تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى داۋاملىق قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى ۋە لايىھەنى تەكشۈردى.

ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاراپ چىققاندا، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى، ۋەكىللەر شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلىدى، تەكلىپ بەردى، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلەنگەن، ۋەزىيەت توغرا، دەل جايىدا تەھلىل قىلىنغان، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىي قوللىنىشچان بولۇپ، جەڭگىۋار روھنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىجادىي، ئەمەلىي دوكلات بوپتۇ.

ۋەكىل ناپچى مۇنداق بىلدۈردى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى توپلانغان، خەلق رايى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە. ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىمەن.

ۋەكىل غۇلامجان رېھىم مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە قومۇلنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نىشاننى كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، قومۇلنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

نېفىت خىمىيە سانائىتى ساھەسىدىن كەلگەن ۋەكىل سۈبىنۇر ئەخەت ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى «كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن پائال ئالغا سىلجىتىش» توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «ھۆكۈمەت سانائەت كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق تېخنولوگىيە يوللىرىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ، كاربون Ⅳ ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خىمىيە سانائىتى كەسپىدە ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك».

مائارىپ سىستېمىسىدىن كەلگەن ۋەكىل ياڭ لى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياخشى سىياسەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ قاراتمىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گو چيەن، كاڭ خاۋيەن، خېي خۇڭۋېي، يۈ جياڭيەن، ۋاڭ نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.