تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىز ھېچ يەرگە كەتمەي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىمىز»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ۋاڭ شىڭرۇي

«ھېچ يەرگە كەتمەڭلار، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىڭلار!»

1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى ئىقتىساد ساھەسى ۋە سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، خېڭشېڭ تېببىي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈەنۋۇغا شۇنداق دېگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

خېڭشېڭ تېببىي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پۇقراۋى كارخانا، دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىسى، دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي، تۈجۈپىلىك، ئۆزگىچە، يېڭىچە كىچىك گىگانت كارخانا بولۇپ، كەسپى − دوختۇرخانا ھەم دىيابېت كېسىلى ئاغرىقلىرىنى قان شېكىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، داۋالاش ۋە باشقۇرۇش بىلەن تەمىنلەش.

«خېڭشېڭ تېببىي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. لېكىن شىركەت ۋە باشقا پەن - تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلار تەرەققىيات جەريانىدا يەنە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى قىيىنچىلىق ھەم مەسىلىلەرگە يولۇقتى.» بىرلەشمە گۇرۇپپىنىڭ مۇزاكىرىسىدە، ئەزا ۋاڭ يۈەنۋۇ يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى.

«كونكرېتراق سۆزلەپ باقامسىز؟» ما شىڭرۇي تەپسىلىي سورىدى.

«مەسىلەن، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى يەنە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى چەكلىك، كەسىپ توپى ۋە يانداش ئەسلىھەلەردە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچى كەمچىل.» ئەزا ۋاڭ يۈەنۋۇ يەنە ئالايىتەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىش جەھەتتە مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: خېڭشېڭ تېببىي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى مەلۇم شەھەردىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش شىركىتى شۇ جاينىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۆكۈمەت ئۇنى زاۋۇت ئۆيى ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بەش يىللىق ئىجارە مۇددىتىنى كەچۈرۈم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قالدۇرۇلغان باج قىسمىنى كارخانىغا قايتۇرۇپ بېرىپ، كارخانىلارنى قىممەتلىك تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى.

«ھازىر ھەقىقەتەن بىر قىسىم شەھەرلەر ئەۋزەل بولغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش شارائىتى بىلەن بىزگە ھەمكارلىشىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىمەكتە» دېدى ئەزا ۋاڭ يۈەنۋۇ سەمىمىيلىك بىلەن.

ما شىڭرۇي ئەزا ۋاڭ يۈەنۋۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى تىزىملىك بويىچە تولۇق قوبۇل قىلدى ھەمدە رەھمەت ئېيتتى، «بۇ <كۆڭۈلدىكى سۆزلەر> بىزنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزگە پايدىلىق».

بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىش، ئىگىلىك تىكلەش، تەرەققىي قىلىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدى. تەدبىرنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، بىز يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، رېئاللىقتا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا زىت كېلىدىغان ئۇسۇللار ئازدۇر - كۆپتۇر مەۋجۇت.

«شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ئەلا، ئىگە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقى غايەت زور.» ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تېخىمۇ ئەلا تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشقا كۈچەپ، شىنجاڭنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندۇرىدۇ. قېپقېلىڭلار، قىلىۋاتقىنىڭلار ئىستىقباللىق ئىش!»

بۇنى ئاڭلاپ، ئەزا ۋاڭ يۈەنۋۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى. «شۇجى خاتىرجەم بولۇڭ، بىز ھېچ يەرگە كەتمەي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىمىز!» ئۇ قەتئىي پوزىتسىيە بىلەن مۇنداق دېدى: «خېڭشېڭ تېببىي پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنى خالايدۇ».

«تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى.» ما شىڭرۇي ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دادىللىق بىلەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇشى، كۆز قاراشنى يېڭىلىشىغا موھتاج، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تۈزۈمنى ئورنىتىپ، بېسىمنى يەتكۈزۈپ، سىياسەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە چىنار دەرىخى تىكىپ، سۇمۇرغ جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.