تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

لى يىفېي مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات - نەشرىيات ساھەسى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسى، ئاخبارات - نەشرىيات ساھەسى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىدە قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى يىفېي مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شىنجاڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ۋە ئۆتكەن بىر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى كىشىنى روھلاندۇرىدىغان نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جان تىكىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇنىڭغا كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەرى مۇجەسسەملەنگەن. كۆپچىلىكنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى يىفېي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، پۇرسەت تېپىلغۇسىز، كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. تەشۋىقات، ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىۋى پىكىرنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، دوۋ ۋەنگۇي قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.