تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز مائارىپ ساھەسى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مائارىپ ساھەسى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا ساھەسى، مۇھىت - بايلىق ساھەسىدىكى ئەزالار بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى ئاڭلىدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپرەك ياخشى تەكلىپ بېرىپ، كۆپرەك ياخشى مەسلىھەت كۆرسىتىپ، كۆپرەك ئەمەلىي تەدبىر پىلانلاپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى ئەزالار مەۋقەنى ئۆز ساھەسى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نۇرغۇن توغرا ھەم ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە زور ياردىمى بار، ئاپتونوم رايون ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسەت پىلانلاش ۋە خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتا نامايان قىلىدۇ.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: 2022 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلىنىدىغان يىل، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، كېڭىشىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيىتىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، تەدبىر بەلگىلەش ئېھتىياجى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى چىن قەلبتىن ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر تەرەققىيات داۋامىدا دۇچ كەلگەن بوغما ھالەتنى چىڭ كۆزلەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش كېرەك. دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، مائارىپنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ سىياسىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق قەلبى، خەلق ئارزۇسىنىڭ ئەڭ چوڭ «مەركەزداش چەمبەر»ىنى سىزىپ چىقىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان، جارۇللا ھېسامىدىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.