تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

شەۋكەت ئىمىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يىغىننىڭ سايلام چارىسى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 2 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى قارار ۋە يىغىننىڭ سايلام چارىسى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇلدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، نەيىم ياسىن، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 546 كىشى، قاتناشقانلار 518 كىشى بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، نازارەتچىلىكنىڭ قاتتىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ۋەكىللەرنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركىزىي خىزمەت، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي، ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىي 76 نىزامىنى تۈزدى، تۈزىتىش كىرگۈزدى، بېكىتمە، قاراردىن 20نى چىقاردى، رايون بار شەھەر، ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ 96 نىزام ۋە يەككە نىزامىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى، 92 مەخسۇس دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، قاراپ چىقتى، 39 قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، 13 قېتىم مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش، 72 قېتىم مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. 2022 - يىلى، دائىمىي كومىتېت خىزمىتى ئىلگىرىكى ئاساستا مۇستەھكەملىنىپ ۋە كۈچەيتىلىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. شەۋكەت ئىمىن بۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم، زور بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى ۋە ئۆز قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنى يېتەكلەش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغدىدى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭدا، قانۇنچىللىق يولىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۆرۈنەرلىك يۈكسەلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تەپتىش ئورگانلىرى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى قانۇن نازارەتچىلىكىدىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن قانۇن نازارەتچىلىكى مۇھىم ۋەزىپىسىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەپتىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەرنىڭ سانى توغرىسىدىكى قارار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ھەم ئۇلارنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى ماقۇللاندى؛ ئايرىم - ئايرىم ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇنچىلىق كومىتېتى ۋە مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.