تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىش

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.

   1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 ـ شى ۋۇجياچۈ شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «قايناق ھېسسىياتقا تولغان قىزىل 6-شىدا قار-مۇز تەنھەرىكىتىدىن خۇشال بەھرىمەن بولۇش» قار-مۇز تەنتەربىيە يۈرۈشلۈك پائالىيىتى بۇ شەھەردىكى بېيخەي باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. تېز مۇز تېيىلىش، قارلىق دالا پۇتبولى، قارلىق دالا چانىسىدا سۈرئەتتە بەسلىشىش، مۇز ئۈستىدە ئارقان تارتىشىش، قارلىق دالا بالونى قاتارلىق سەرخىل تۈرلەر نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى بۇلارغا قاتنىشىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن شادلىقتىن خۇشال بەھرىمەن بولۇشقا جەلپ قىلدى.

لى خۇابېي فوتوسى
1-ئاينىڭ 13-كۈنى، تەنھەرىكەتچىلەر تېز تېيىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا.
لى خۇابېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت تۈرىنى ھېس قىلماقتا.
لى خۇابېي فوتوسى

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئارتىسلار ئېتوت ئورۇندىماقتا.
 
  1-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 ـ شى ئارال شەھىرى توقاي يېزىسى «باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ئۆتكۈزدى، ناخشا-ئۇسسۇل، ئېتۇتلار نۆۋەت بىلەن ئورۇنلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا سەرخىل بولغان مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلدى.

ئادىل غېنى فوتوسى

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئارتىسلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
ئادىل غېنى فوتوسى

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، كىچىك دوستلار كوللېكتىپ گۇجېڭ چالماقتا.
ئادىل غېنى فوتوسى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر قار تېيىلىش چاقىدا قار تېيىلماقتا.

   1-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 25-تۇەن 2-نۆۋەتلىك قار-مۇز مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزدى، مۇز ئۈستىدە ئارقان تارتىشىش قاتارلىق مول، رەڭدار مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ ساياھەت قىلىش، ئويناش، ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ساياھەتچىلەر قار-مۇز ئويۇنى ئوينىماقتا.
شيې جياڭلىن فوتوسى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، تور رىياسەتچىسى شۇ جاينىڭ مەززىلىك تائامىنى بىۋاسىتە كۆرسەتمەكتە.
شيې جياڭلىن فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.