تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىنى مەۋقە قىلىپ تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، تەكلىپ بەردى، ھەرقايسى يىغىن مەيدانلىرىدا كەيپىيات قىزغىن بولدى.

ۋەكىل ئايقىن ئاسىلقان مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە 2022 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپتۇ، دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە 2023 ـ يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، بۇ، ۋەزىيەتنى كۆزلەپ كۈچ توپلايدىغان، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ. بىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يىرىك پىلان خەرىتىسى»نى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئىختىساسلىقلار خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ۋەكىل مۇسا خاسېن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى شىنجاڭنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پەن ـ تېخنىكا تىرىكى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەسسىلەپ ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، چەۋەندازلىق بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش چەۋەندازلىق تەنھەرىكىتى، ھەتتا ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالتايدىكى بىر نەسىللىك ئات كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كېيىنكى قەدەمدە چەۋەندازلىق بويىچە تەربىيەلەش ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ چەۋەنداز ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. خۇلاسىلەنگەن نەتىجىلەر دەل شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلار» دېدى ۋەكىل جاڭ رېن. 2015 ـ يىلى، ئۇ شەندۇڭدىن شىنجاڭغا كېلىپ، يېزا ـ بازار كادىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلىپ، كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى. «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ھەم ئۆز خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرىمەن» دېدى جاڭ رېن.

بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، مەسئۇلىيەت مۇھىم، زور. ۋەكىللەر بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلان بويىچە، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ نا، پەرىزات ئابدۇل، رايىدە، ياڭ شۇخەن، ليۇ يى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.