تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

جاڭ چۇنلىن خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 ـ يىغىنى خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا سىياسىي يۈكسەكلىك يۇقىرى، يۆنىلىش، نىشان ئايدىڭ، تەپەككۇر يولى، تەدبىرلەر ئېنىق بولۇپ، يۈكسەكلىكى يۇقىرى، باش تېمىسى روشەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولغان، ئىشەنچنى ئۇرغۇتىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، بىز راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە دوكلاتنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىسىنى كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق كۆرسەتتى: دوكلاتتا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە 2022 ـ يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە 2023 ـ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتى سىستېمىلىق، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈش» بىلەن «سىرتقا چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياخشى ئوبرازىمىزنى نامايان قىلىپ، ئۆزىمىزگە پايدىلىق خەلقئارا مۇھىتنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇشنى چۆرىدەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جاسارەتلىك ۋە غايىلىك بولۇشتىن ئىبارەت روھىي ھالىتىمىز بىلەن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىشىمىز ۋە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.